ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «يېڭى گۇلاگ» تېمىسى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.23
yepiq-terbiyelesh-merkizi-1.yuli.gov.jpg لوپنۇر ناھىيەسىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەز» ئىنى يۇقىرىدىن كەلگەن ئەمەلدار كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
yuli.gov

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇشقا باشلىغان سىياسىي باستۇرۇشلارنىڭ 2018-يىلىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ قاباھەتلىك تۈس ئېلىۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بارغانسېرى دائىملىق قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاساسىي ۋاسىتە بولۇۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنىڭ ئاشكارا بولۇشىغا ئەگىشىپ غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا بۇ ئورۇنلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتاش، شۇنىڭدەك 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پائالىيەتلىرىگە سېلىشتۇرۇش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرلار دىياردىكى ئەنە شۇ خىل ۋەزىيەت ھەققىدە چەتئەللىكلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «دۆلەتلىك باھا» گېزىتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى جەي نوردلىنگېر ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىلەن مەخسۇس تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

شۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ داۋامىدا جەي نۆۋەتتىكى ئېغىر سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئومۇمى جەھەتتىن قانداق قاباھەت تۇيغۇسى بېرىۋاتقانلىقىنى سورىدى. نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى «پىچاق سۆڭەككە يەتكەن» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ماڭغان-تۇرغىنىنىڭ ھەممىسى نازارەت ئاستىدا بولغاچقا ئۇلارنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» مۇھىتىدا ياشىماقتا، دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ ھەقىقەتەنمۇ «ئورۋېل»چە تۈس ئالغان بىر قاباھەتلىك جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرىي تۈركەل شۇ قاتاردا نۆۋەتتە بۇ خىل يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىغان بىرمۇ ئائىلىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ نۆۋەتتە مەخسۇس ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلەرنىڭ نىشانلىق ھالدا تۇتقۇن ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىردىنلا قارانچۇقسىز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلتاملارغا ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا «ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش» شەكلىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئارىلىقتا جەي نوردلىنگېر نۆۋەتتە مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلەرنىڭ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى ھەققىدە ئۇنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى سورىغاندا نۇرى تۈركەل نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان «ئاستا سۈرئەتلىك ئۆلتۈرۈش شەكلى»دىكى ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش لازىم»، «پاك-پاكىز قۇرۇتۇۋېتىش لازىم» دېگەندەك قەبىھ ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى شۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەي نوردلىنگېر شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىر مىللەت سۈپىتىدە مۇشۇنداق بىر زور كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. نۇرى تۈركەل بۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ماركو رۇبىيۇ، كرىستوفېر سىمىت قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئوچۇق خەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىننەتدار ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا سورۇنلاردا ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئورۇن بېرىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى «سوغۇق ئۇرۇش» مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ياۋروپادىكى مەملىكەتلەر بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى زور كۆلەملىك قىرىپ تاشلىشىدەك تارىخىي تراگېدىيەنىڭ خۇددى مۇشۇ يوسۇندا باشلانغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتىمۇ كىشىلەرنىڭ مىللەت تۈركۈمى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ئاساسەن لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ئۈچۈن بىر جىددىي ھادىسە، دەپ قارىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرى تۈركەل نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە قىلالايدىغان ئىشلىرى توغرىلىق سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى تور سۆھبەتلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى چەتئەللىكلەرگە بىلدۈرۈشتە بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق رادىيو ئىستانسىلىرىدىن بولغان «دۆلەتلىك خەلق رادىئوسى»مۇ 22-ماي كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى گېررىي شى بىلەن مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.