«يېڭى ھايات» تا باش كۆتۈرگەن يېڭىلىق ئىدىيەسى
2022.11.22
ئۇيغۇر ئېلىدە جەدىتچىلىك ئىدىيەسى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېڭىچە مائارىپ ۋە سودا-سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالاردا ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قەلبىدە خەلقنى ئويغىتىپ، ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق غايە لاۋۇلداپ ياناتتى. چۈنكى بۇ دەۋردە مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى خەلقئارادىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ خېلىلا كەينىدە قالغان بىر ۋەزىيەتتە قالغانىدى. مىللەتنى غەپلەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا پەن-مائارىپقا تايىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىلغار زىيالىيلار ئىلىم-پەن بىلەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنى قوزغىغان.
«ئاقارتىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، ئاكا-ئۇكا موساباي ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىگە ئوخشاش بالدۇر ئويغانغان زىيالىيلار مائارىپنى مەركەز قىلىپ يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش يولىنى تۇتقان بولسا، بىر قىسىم زىيالىيلار ئەدەبىي ئىجادىيەتنى قورال قىلىپ، خەلقنىڭ خۇراپاتلىق ۋە نادانلىقتا قالغان مەنىۋى دۇنياسىدىكى قاراڭغۇلۇقنى پاش قىلىپ، دەۋر رېئاللىقىنى ماھىيەتلىك ئەكس ئەتتۈرگەن. يەنە بىر قىسىم زىيالىيلار بولسا، گېزىت-ژۇرنال چىقىرىش قاتارلىق مەتبۇئات ئىشلىرى بىلە شۇغۇللىنىپ، پەن-مائارىپنى تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىشتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرغان. بۇ دەۋردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق شەۋقى ۋە ھۈسەيىنخان تەجەللى، ناسۇھا داموللام قاتارلىق سەركەردىلىرىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى دەۋرلەردىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈشكە توغرا كەلسە، كۆپىنچە خەلقنىڭ جاھالەت، بىلىمسىزلىك ئىچىدە قېلىشى، پەننىي مائارىپ ۋە يېڭىچە تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىدىن مەھرۇم قېلىشىنىڭ بىر سەۋەبى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتنىڭ «خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش» تىن ئىبارەت سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىدى.
مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى جەدىتىزم مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى 1870-يىلى تاشكەنتتە چىققان «تۈركىستان ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى» ناملىق گېزىت بولۇپ، تاكى 1912-يىلغىچە داۋاملاشقان بۇ گېزىت ئۆز نۆۋىتىدە قاھىرە ۋە ئىستانبۇللاردا باش كۆتۈرگەن جەدىتچىلىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلغان بىر مەتبۇئات سانىلىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بىرقانچە خىل گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنغان. 1910-يىلى غۇلجىدا «ئىلى ۋىلايىتى گېزىتى»، قەشقەردە «ئاڭ گېزىتى» ۋە 1919-يىلى «ھۆر سۆز»، 1934-يىلى غۇلجىدا «ئىلى دەرياسى گېزىتى» قاتارلىقلار نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەپسۇس بۇ گېزىتلەر بىزگە بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ھازىر چەتئەللەردە ساقلىنىپ قالغان گېزىتلەردىن 1933-يىلى نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» ھەپتىلىك گېزىتى 1934-يىلىدىن 1937-يىلغىچە نەشر قىلىنغان «يېڭى ھايات» گېزىتى قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» گېزىتى قەشقەر تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن قۇتلۇق ھاجى شەۋقى تەرىپىدىن قەشقەردە نەشر قىلىنغان. بۇ گېزىتنىڭ تۇنجى خىتابنامىسىدە، خىتاي مۇستەبىتلىرىگە قارشى مۇستەقىللىقنى مەدھىيەلەشتىن باشقا يەنە، خەلققە مائارىپ ۋە مەرىپەت يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي تۈردىكى مۇستەقىللىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنغان. بۇ گېزىتتە تەرغىب قىلىنىدىغان جەدىتچىلىك ئىدىيەسى ئاساسەن مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەكتەپلەر، دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىقلارغا قارىتىلغان بولۇپ، مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بىزگە قالاقلىق، خۇراپاتلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۇتپەرەس ئەقىدىسى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشتۈرىدۇ. يەنە مەزكۇر گېزىت مەسئۇللىرىمۇ شەرىئەتنى ئاساس قىلغان دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مىللىي ئەخلاقنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. بۇ گېزىت 1933-يىلى، 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «ئەركىن تۈركىستان گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن.
ئۈچىنچى گېزىت «يېڭى ھايات» گېزىتى بولۇپ، بۇ گېزىتنىڭ 1934-يىلى 30-ئاۋغۇستتىن كېيىنكى سانلىرىنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتە «گۇننار ياررىڭ» كوللېكسىيونىدا ساقلانماقتا. بۇ گېزىت ئەسلىدىكى «ئەركىن تۈركىستان گېزىتى» بولۇپ، 1934-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قېلىپ، خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مۇئاۋىن رەئىس بولغاندىن كېيىن «يېڭى ھايات» قا ئۆزگەرتىلىپ، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر گېزىت باشقا مەتبۇئاتلارغا قارىغاندا بىرقەدەر ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرگەن بولۇپ، تاكى 1937-يىلى، مارتقىچە، يەنى گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ھىندىستانغا يول ئېلىشى، ئابدۇلنىيازلارنىڭ باشچىلىقىدىكى قىسقا مۇددەتلىك ئىنقىلابى باشلانغان تارىخىي دەۋرگىچە نەشر قىلىنغان. گېزىت باش مۇھەررىر قۇتلۇق شەۋقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىقىرىلغان بولۇپ، دەسلەپكى يىللاردا قەشقەر نەشر مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولسا، كېيىنكى يىللاردا قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان. «ئەركىن تۈركىستان» گېزىتىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ گېزىتتە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش، قىز-ئاياللار ساغلاملىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى 27 تۈرلۈك باراۋەرلىك ھوقۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ 1934-يىلدىن 1937-يىلغىچە بولغان سانلىرىدا، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس سەرلەۋھىلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. ھەرقايسى يۇرتلاردا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر، تارىخ، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، مۇلاھىزىلەر ۋە بىر قىسىم شېئىر قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ گېزىتتىن ئورۇن ئالغان.
«يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلار بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، فىرانسىيەلىك ئىنسانشۇناس ئالېكساندېر پاپاس Alexander Papas بۇ گېزىتتە ئەكس ئەتكەن جەدىتىزم ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا تۆۋەندىكىدەك كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: «گېزىت ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى[قەلەندەرخانە] قاتارلىق كەمبەغەللەر توپلانغان جايلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دەرۋىشلىك ۋە قەلەندەرىزىمگە ئوخشاش ھادىسىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەن».
مەسىلەن، گېزىتتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزە تېمىسىدىكى ماقالىلەرنىڭ بىر قىسىملىرى ۋەخپە ۋە ۋەخپە كىرىمىنىڭ تەقسىملىنىشىگە ئالاقىدار بولۇپ، ئالېكساندېر پاپاسنىڭ يۇقىرىدىكى كۆزقارىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ. بىر قىسىم ماقالىلەردە، ئاپتورلارنىڭ «ئاپئاق خوجا مازىرى» غا ئوخشاش مازار-ماشايىقلارنىڭ ۋەخپە كىرىمىنىڭ مازارلار ۋە قەلەندەر-دىۋانىلەرنى يۆلەشكە ئەمەس، بەلكى كەمبەغەللەرگە مەكتەپ سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىكىر ۋە تەلەپلىرى بايان قىلىنغان. دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە خەلقنىڭ كۈچلۈك ئىستەكلىرى ئىپادىلەنگەن. چۈنكى يېڭىلىق ئىدىيەسىدىكى زىيالىيلار نادانلىقتا قالغان مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا شاللىنىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن ئىدى.
بۇ ھەقتە گېزىتنىڭ 1935-يىلىدىكى بىر سانىدا ئېلان قىلىنغان «قەلەندەرىزمگە خاتىمە بېرەيلى» ناملىق ماقالىدىمۇ گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تىلەمچىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن. مەھمۇت مۇھىتى تىلەمچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى قايىل قىلالمىغاندىن كېيىن تىلەمچىنىڭ قولىدىكى ساپايىسىنى ۋە ھاسا تايىقىنى تارتىۋالغان، شۇنداقلا بۇ خىل تىلەمچىلىكنىڭ مىللەتنى خانۇ-ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندۈرىدىغانلىقى، ئەگەر بۇ كىشىنىڭ داۋاملىق تىلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللانسا، ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ۋەقە بايان قىلىنغان. ماقالىدە ئاپتورنىڭ ھۇرۇنلۇق ۋە تەييارتاپلىققا قارشى تۇرۇپ، ھالال ئەمگەككە تايىنىپ ياشاش كېرەكلىكى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى رەئىسى ھاجى ئابدۇللا كېرىمىنىڭ «غەپلەتتىن قاچان ئويغانامىز؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئەۋلادلارنى ئوقۇتۇش كېرەكلىكى، شۇندىلا غەپلەتتىن ئويغىنىپ، يورۇقلۇققا چىققىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە خەلققە خىتاب قىلىنغان.
گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردە بىر قىسىم زىددىيەتلىك پىكىر ۋە مۇرەككەپ كۆزقاراشلارغا جەدىتىزم ئىدىيەسى نۇقتىئىنەزىرىدىن باھا بېرىلگەن. گېزىت تەھرىراتى تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر پارچە ماقالىدە، پىرقەچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەشۋىقات مەزمۇن قىلىنغان بولسا، 1936-يىلى بېسىلغان ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلراھمان ھاجى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، خەلقنى مازار شەيىخلىرىگە، سوپى-ئىشانلارغا چوقۇنۇش، پالچىلىق قاتارلىق ئىسلام دىنىدا «بىدئەت» دەپ قارىلىدىغان ئىش-ھەرىكەت ۋە ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا ۋە ئىسلام دىنىنى توغرا ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان.
مەزكۇر گېزىتتە يەنە پەقەت مائارىپ-مەرىپەت يولىدا ماڭغاندىلا، مۇدھىشلىك ئىچىدە قالغان خەلقنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى خەلققە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. گېزىتتە پات-پات شەخسىيلەر نامىدىكى «قۇربانلىق» ياكى مۇراسىملارغا ئاتىغان مال-مۈلۈكلەرنى مەلۇم مەكتەپكە ئىئانە قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىلاردىن جەدىتىزملىق ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ يادروسى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا مائارىپ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدىيەنى بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان دەپ ھېسابلاش مۇمكىن.
ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈنمۇ بىر قىسىم ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيمىز. مەسىلەن، قەشقەردىكى سانايى نەفىسە مىللىي تىياتىرىدا پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت تىياتىر ئوينالغانلىقى ھەققىدىكى قىسقا خەۋەر بېرىلگەن. بۇ گېزىت يەنە قىز-ئاياللارنىڭ ئىلىم-بىلىم بىلەن قوراللىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىز-ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس خەۋەرلەر ئىشلىگەن. 1936-يىلى 12-نويابىر كۈنى بېسىلغان «ئىلىم ۋە بىلىم خاتۇن-قىزلارغە ھەم بەك كېرەك» ناملىق ماقالىدە، قىز-ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس دارىلمۇئەللىمىن تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە مۇئەللىمەلەرنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، «يېڭى ھايات گېزىتى» دە ئەكس ئەتكەن جەدىتىزم ئىدىيەسى خەلقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، دېموكراتىيەگە تەلپۈنۈش، بولۇپمۇ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ دەسلەپكى ئۇچقۇنلىرى ئىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.