خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى بەرپا قىلىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى بۇ ئورۇنلارغا سولاش ئارقىلىق، 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارادا ئەيىبلىنىپ، بۇ خىل«يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى»نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئورۇنلىرى ئاشكارىلىنىۋاتقان مەزگىلدە،خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ھەر قايسى ۋىلايەت -ناھىيىلەردە «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كوللېكتىپ تەربىيىلەش»ئارقىلىق زور بىر تۈركۈم «يۇقىرى ماھارەتلىك تېخنىك ئىشچىلار تەربىيەلىنىۋاتقان»لىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلىشكە باشلىدى.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 19-ئىيۇل ئېلان قىلغان « شىنجاڭدا 35 ئورۇندا يۇقىرى ماھارەتلىك تېخنىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرۇلدى»سەرلەۋھىلىك خىتايچە خەۋەرىدە، ئىلگىرىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئاساسىدا يېڭىدىن يەنە بىر تۈركۈم تېخنىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە جەمئىي 35 ئورۇندا «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»قۇرۇلغانلىقى، 2017- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتكۈل ئاپتونوم رايون بويىچە 545 مىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك تېخنىك ئىشچىلار « تەربىيەلەنگەنلىكى»خەۋەر قىلىندى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ خىل خەۋەرلەر يەنە ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىمۇ بېرىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، 2018-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پەقەت ئاقسۇ ۋىلايىتىدىنلا 37 مىڭ ئادەمنىڭ تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى»ھەققىدە شاھىتلار بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا سولىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل بىر مىللەتنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك ھۆكۈمەتلىرى بۇنى،« ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پۈتكۈل مىللەتنى جازالاش سىياسىتى»دەپ قاتتىق تەنقىتلەۋاتقان ئىدى.
كانادادىكى قانۇن كەسپىدىكى تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى، شوۋن جاڭ ئەپەندى ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ « جاز لاگېرلىرى»ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ئېلانلىرى قاتارلىق كۆپ خىل مەنبەلەرگە تايىنىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندا كېڭەيتىپ قۇرغان «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى»نامىدىكى جاز لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇ ئېنىقلىغان « جاز لاگېرلىرى»نىڭ تارقىلىش ئورنى ھەققىدىكى مەلۇماتلار خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جىددى مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شوۋن جاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خىل خەۋەرلەر ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان « قايتا تەربىيىلەش»، «تېخنىكىلىق تەربىيەلەش»دېگەندەك تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «جازا لاگېرلىرى»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا دەلىللەپ بېرىشى دېيىشكە بولىدىكەن.
شوۋن جاڭ مۇنداق دېدى: «يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقى سانىنى ھازىرقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئىستاتېستىكا قىلىش تولىمۇ تەس. ئەمما بىز ئېنىقلانغان سۈنئىي ھەمرادا تارتىلغان خەرىتىلەردە ئېنىقلانغان كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسەن پەقەتلا يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئىلگىرىكى كەسپىي مەكتەپلەر ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان < يىغىۋېلىش لاگېرلىرى> دېيىشكە بولىدۇ.چۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئىلگىرىكى نۇرغۇنلىغان كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىش ئارقىلىق <يىغىۋېلىش لاگېرلىرى> قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغان دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن. ئەمما سۈنئى ھەمرادا تارتىلغان خەرىتىلەردىن بۇ خىل مەكتەپلەردىن زادى قايچىلىق قىسمىنىڭ لاگېرلارغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىش تەس ئىدى. مېنىڭچە بۇنداق ئەھۋالدا شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ئارقىلىق دەلىللەش تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا < كەسپىي تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق> دېگەن خەۋەرلەر، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلار ھەققىدىكى گۇمانلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تاكتىكا دەپ قاراش مۇمكىن».
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقىلاشتى.
ئېلشات ئەپەندى، يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى»نامىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرۇلۇق شاھىتلارنىڭ بايانلىرى، خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى خەۋەر-ئانالىزلار، تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان پۈتكۈل مىللەت بويىچە باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتىلغان كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆز سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ۋە دىققەتنى بۇراش ئارقىلىق خەلقئارادىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملاردىن قۇتۇلۇشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا دائىرىلەرنىڭ سىياسىتىنى ئاقلايدىغان،پەردازلايدىغان بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى ئەمەلىيەتتە خەلقئارادا ئۈزلۈكسىز قاتتىق تەنقىتكە ئۇچراۋاتقان، دائىرىلەرنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر،قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقنى«يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى»دا قامىۋېلىپ،ئۇلارغا قارىتا ناتسىسلارچە جازا قوللىنىۋاتقان رېئاللىقنىڭ شۇنىڭدەك بۇ خىل «جازا لاگېرلىرى»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى دېيىش مۇمكىن ئىكەن.