رابىيە قادىر خانىم: جاڭ چۈنشيەن خىزمىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.03.11
zhang-chunxian-305.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن. رەسىمنىڭ ۋاقتى ئېنىق ئەمەس
RFA/Mihriban


بېيجىڭدا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم رەئىسى جاڭ چۈنشيەن تۈنۈگۈن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قېتىلىپ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىراق ئىسلام دۆلىتى شەكىللەندۈرگەن ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جاڭ چۈشيەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. ئۇ سۆزىدە جاڭ چۈنشيەننىڭ مەزكۇر بايانات ئارقىلىق خىزمەتتىكى مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇشقا ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى باشقىلارغا دۆڭگەشكە ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

سوئال: تۈنۈگۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، ئۆزلىرىنى ئىراق ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قېتىلىپ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى شەكىللەندۈرگەن ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى، ۋە بۇ بايانات بۈگۈن پۈتۈن خەلقئارا مەتبۇئاتتا كەڭ - كۆلەمدە خەۋەر قىلىندى. سىزنىڭ بۇ باياناتقا قارىتا كۆز قارىشىڭىز نېمە؟

جاۋاب: مەن جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ باياناتىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش دەپ ئەمەس، ئۆزىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىنكى خىزمەت مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ۋە بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى باشقىلارغا دۆڭگەش دەپ چۈشىنىمەن.

سوئال: بۇنداق دېيىشىڭىزگە ئاساسىڭىز نېمە؟

جاۋاب: ھەممىگە مەلۇم، جاڭ چۈنشيەن 2009 - يىلدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن، خىتاي دائىرىلىرى جاڭ چۈنشيەننى رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىكى ئېتنىك جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئويلىغان؛ ئەمما ئۇنداق بولمىدى، ئۇ يۆتكىلىپ بارغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشتى، تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلدى. ئەلۋەتتە جاڭ چۈنشيەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋە بىر قىسىم خىتاي خەلقىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىدى، بۇ جاڭ چۈنشيەننى ئوسال ئەھۋالدا قويدى. ئەمما جاڭ چۈنشيەن بۇ ئەھۋالنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە بۇرۇلۇش بولمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ۋاڭ لېچۈئەننىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە ئوخشاشلا ۋارىسلىق قىلغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقتىن كۆرۈشى كېرەك ئىدى؛ بۇنىڭ ئورنىغا ئۇ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكنى ئىراق ئىسلام دۆلىتىگە ئارتىپ قويۇشتەك ئاسان ۋە مەنتىقىژ يولنى تاللىدى. ئەلۋەتتە بىلىمىزكى، جاڭ چۈنشيەنمۇ بۇ نۇقتىدا چارىسىز، چۈنكى بۇ يەردە شۇ بىر ھەقىقەت ئايان بولدىكى، شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى رەھبەر ئالماشتۇرۇش بىلەن ياخشىلانمايدۇ، بەلكىم، تۈپ سىياسەتلارنى ئۆزگەرتىش بىلەن ياخشىلىنىشى مۇمكىن.

سوئال: جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان، پاكىتقا، يەنى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراق ئىسلام دۆلىتىگە قاتنىشىپ قايتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئەسلىدە بۇ ئۈستىدە توختىلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر پاكىت، چۈنكى پاكىتنىڭ چىنلىقىدا گۇمان بار، قايىل قىلىش كۈچى يوق. دېيىلگىنى راست بولسا نېمە ئۈچۈن تا بۈگۈنگىچە بۇ ئەھۋال خىتاي ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنمايدۇ؟ جاڭ چۈنشيەن مۇخبىرمۇ ياكى رەھبەرمۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۇ بۇ ۋەقەنى نەق ۋاقتىدا خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا يول قويمايدۇ، ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭدا ئۆزى ئاشكارىلايدۇ؟ دېمەككى پاكىت ئويدۇرۇلما ياكى بۇرمىلانما.

سوئال: بىر ئۇيغۇر رەھبەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قېتىلىش ئېھتىماللىقىغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: دۇنيادا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىلا ئەمەس، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىنمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتناشقانلار بولغىنىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردىنمۇ قېتىلغانلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان قارشلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق. نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شەرقى تۈركىستان بېسىۋېلىنغاندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى داۋام قىلىۋاتقان مىللىي قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قارشلىق ھەرىكەتلىرى مۇستەملىكىچىلىككە، زۇلۇمغا قارشى ھەركەت. شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى رايوننىڭ ئۆزىدىن ئىزدىمەي چەتئەلدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئىزدەش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

سوئال : سىزنىڭ جاڭ چۈنشيەن ۋە شىنجاڭ ۋەكىللىرىدىن كۈتكىنىڭىز نېمە ئىدى؟

جاۋاب: راست گەپنى قىلسام مەن ئۇلاردىن ھەقنى سۆزلەشنى، راست گەپ قىلىشنى كۈتكەن ئەمەس، چۈنكى ئالدى بىلەن جاڭ چۈنشيەن سايلانغان بىر رەھبەر ئەمەس، تەيىنلەنگەن رەھبەر، ۋەكىللەرمۇ سايلانغان ئەمەس، بىر بالداق يۇقىرى ھاكىمىيەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ھەقنى سۆزلەشنى كۈتۈش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغان باياناتلارنى كۈتۈش ساددىلىق بولىدۇ؛ مېنىڭ كۈتكىنىم پەقەت مەنتىقىلىق سۆز، مەنتىقىلىق بىر بايانات ئىدى، چۈنكى دۇنيا كۆپ ئۆزگەردى، بۇلارمۇ قىپ - قىزىل يالغان سۆزلەشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم؛ بۇ كۈتكىنىممۇ بىكار بولۇپ چىقتى. جاڭ چۈنشيەننىڭ «بىزمۇ ئىراق دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق» دېيىشى ۋە ئابدرېقىپ داموللامنىڭ «خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا» دېگىنى خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى، مېنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەدۈردى.

سوئال: ئەگەر ۋەكىللەر خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ۋەكىللەر بولغان بولسا، بۇ يىغىندا بۈگۈن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولاتتى.

جاۋاب: يوشۇرۇش مۈمكىنسىزكى، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرى پارىخورلۇق بولسا، يەنە بىرسى بارغانسىرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان مىللەتلەرئارا زىددىيەت. يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە شەرقى تۈركىستاندا 50 قېتىمدىن ئارتۇق قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. بۈگۈن بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن بۇ يىغىندا بۇ ۋەقەلەر نېمە ئۈچۈن يۈز بەردى، ئىككى قېتىم ئاچقان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىمىز نېمە ئۈچۈن كارغا كەلمىدى، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەك دېگەننى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، خىتاي خەلقىنىڭمۇ بىخەتەرلىكىگە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىگە چېتىشلىق مەسىلە ئىدى. بۇ چوڭ مەسىلىلا ئەمەس، نەق مۇشۇ يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە گۇئاڭجۇدا يۈز بەرگەن چاناش ۋەقەسى تا بۈگۈنگىچە تەپسىلىي ئاشكارىلانمىدى. ۋەقەنى سادىر قىلغانلار كىملەر؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەقە يۈز بەردى دېگەندەك خىتاي خەلقى بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي مەلۇماتلارمۇ بۈگۈنگىچە سىر تۇتۇلىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن سىر تۇتىلىدۇ، چۈنكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار شۇڭا يوشۇرىدۇ. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇش ۋە بۇرمىلاشتەك بۇ كونا تەدبىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمەن. ئەركىن ئاخبارات، ئەركىن مۇزاكىرە، يەنى ئاشكارا بولۇش ۋە نازارەتنى قوبۇل قىلىش شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ باشلانغۇچ قەدىمى دەپ بىلىمەن. مەن شۇنداقلا ئەركىن ئاخباراتنى شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ، خىتاي ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىگە يەنە بىر قېتىم سېلىپ ئۆتىمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.