29-ماي ”مالىيە ۋاقتى گېزىتى“ (Financial Times) مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماق سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى كۆلىمىگە ئائىت ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارىلىدى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى رايوندىكى 579 تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى، يەنى، تۈرمە، قاماقخانا، لاگىر ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى، يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپ چىققان. ئانالىز نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى تەخمىنەن 627 مىڭ ئادەمنى قاماش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ سان رايوندىكى ھەر 40 ئاھالنىڭ بىرىنى قاماشقا يېتەرلىك بوشلۇق بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ ئەسلىھەلەر قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، قاماش نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى تېخىمۇ جەزملەشكەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىجىل ۋە كەڭ كۆلەملىك قاماق سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن سىرت، بېيجىڭ دائىرىلىرى تېخىمۇ زور كۆلەملىك مەدەنىيەت يوقىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىزمەتلەر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ۋە ئەمگەك كۈچى يېشىدىكىلەرنى پىلانلىق ھالدا يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ۋە جەمئىيەتنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنى يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ تەپسىلىي پاكىتلىق دوكلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
