ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ تارىخىي قەيتلەرگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، پاپا زىيارەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ 1962-يىلدىن بۇيان بىر ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ چەت ئەل رهبىرىنى تۇنجى قېتىم ئايرودۇرۇمدا بىۋاسىتە كۈتىۋېلىشىدۇر. 1962-يىلى شۇ چاغدىكى پرېزىدېنت جون ف. كېننىدى بېرىتانىيە باش مىنىستىرى خارولد ماكمىللاننى ئايرودۇرۇمدا كۇتۇۋالغان ئىكەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، جۇمھۇرىيەتچى روگېر ۋىككەرRoger Wicker شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بىر كۈن بۇرۇن بايانائات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى بۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك كۈتىۋېلىشىنى تەنقىد قىلدى. ۋىككەر ئېگەر ئاقساراي ئۇنىڭدىن پىكىر سورىغان بولسا، پرېزىدېنتقا شى جىنپىڭنى ۋاشىنگتونغا تەكلىپ قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى قاتارىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى زورايتىپ، قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ۋە سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالدى.
ۋىككەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئايرىم تىلغا ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ «يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى»نى ئېيتتى. ئۇ پرېزىدېنت ترامپنى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشقا چاقىردى.
CNN مۇخبىرى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئادام سىمىستىن شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇنداق كۈتىۋېلىنىشقا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغىنىدا، سىمىس «ياق، مەن ئۇنداق قارىمايمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ۋە سۆھبەتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى بۇنداقتىن يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە بۇ خىل كۈتىۋېلىشنى .«كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دەپ تەسۋىرلىدى
شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۆلەت مەجلىسىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنى كۆزىتىش كومىتېتىمۇ ۋىدېئو تارقاتتى. ۋىدېئودا شى جىنپىڭ «دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى» دەپ ئاتالدى.
يەنە كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتچى ئەزاسى رىچارد بلۇمېنتال Richard Blumenthal مۇ ترامپنىڭ شى جىنپىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇنى ماختىشىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ پرېزىدېنتنىڭ شى جىنپىڭگە زىياپەت بېرىش ۋە ئۇنى ماختاشنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ ئىرانغا بېرىۋاتقان ياردىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا ئاقساراي ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتىۋېلىشىنى، بۇ يىل ماي ئېيىدا ترامپ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي تەرەپ كۆرسەتكەن مېھماندوستلۇققا قايتۇرۇلغان جاۋاب خاراكتېرلىك مۇئامىلە، دەپ چۈشەندۈردى. ئاقساراي بايانچىسى ئاننا كېللىي پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق دۆلەت رەھبىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاخبارات تورلىرىدىن ”سېمافور“ Semaforنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاقسارايغا يېقىن، ئەمما نامىنى ئاشكارىلىمىغان بىر كىشى ترامپنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاينى ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ كۆرسىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شى جىنپىڭنى ھەشەمەتلىك كۇتۇۋېلىشىنى ”غەلىتىلىك“ دەپ ئەيىبلىگەن.
