بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (نەزەر 13-سان)

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2019-10-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (نەزەر 13-سان)

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 ‏-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش مەسىلىسىنى ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى شۇنداقلا كەينى-كەينىدىن بىر قانچە مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن 23 ‏-سېنتەبىر كۈنى باشلىنىشى بىلەنلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش تېمىسىدا يىغىن ئاچتى. يىغىندا ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېز، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پېنس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام سۆز قىلدى. بۇ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ ب د ت باش كاتىپى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن بىر سەھنىدە ئولتۇرۇپ يىغىنغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ب د ت باش كاتىپى گۇتېرېز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن لاگېرلارغا قامىلىش مەسىلىسى بولدى. ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى پېنس بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر پومپېيو شەخسەن ئۆزى جەۋھەر ئىلھامنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە سۆزگە تەكلىپ قىلدى. جەۋھەر ئىلھام دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقانلىقىنى جانلىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىغىننىڭ ئەتىسى، يەنى 24 ‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سالىۋاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نيۇ-يورك شەھىرىدە «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلدى. يىغىندا ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىر جون سالىۋان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن، ب د ت، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. بۇ يىغىندا يەنە دوكتور رىشات ئابباس، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ۋە لاگېردىن چىققان گۇۋاھچى زۇمرەت داۋۇتلار ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتايدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. گۇۋاھچى زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ لاگېردا كۆرگەن كۈنلىرىنى سۆزلەش جەريانىدا ئۆزىنى باسالماي كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن سىرت يەنە 30 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. 24 ‏-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا يەنە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى داۋىد ستىلۋېل بىلەن ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىرلىكتە نۇتۇق سۆزلىدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

25 ‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوناسېن كوخېن ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق مەسىلىسى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باش ئەلچى كوخېن سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن ئەر-ئايال ياكى كىچىك بالا دېمەستىن ئۇلارنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئامېرىكانىڭ ب د ت نىڭ 74 ‏-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بۇ بىر يۈرۈش يۇقىرى دەرىجىلىك پائالىيەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىقلار بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت