4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەنقەرەدە «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالى ۋە خەلقئارا قانۇن» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلىپ، تۈرك قانۇنشۇناسلىرى جۈملىدىن تۈركىيە ھوقۇق ئىنستىتۇتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ئادۋوكات ھاقان ئىشق ئەپەندى «مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايلارنىڭ 1949-يىلى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ۋە خەلقئارا قانۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى» نى ئاڭلاتتى. 4-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتاينىڭ رەئىسى خۇ جىن تاۋ بىلەن، ئۆزبېكىستاننىڭ پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بېيجىڭدا كۆرۈشكەندە، خىتاي رەئىسى خۇ جىن تاۋ بۇ قېتىم كەرىمىفقا يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە شىنجاڭدىكى شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ ھەممىسىنى باستۇرۇش كېرەكلىكى» نى كۆرسەتتى. گەرچە ئۆبېكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى باشقا سىتانلارغا قارىغاندا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىگە جاۋابەن ئۆزبېكىستانلىق ئىسلام كەرىموف، خۇ جىنتاۋغا «يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى چەكلىشى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھازىر ئۆزبېكىستاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى، قازاقىستانلارغا قارىغاندا ئىنتايىن ئاجىز "دەپ چۈشەندۈردى. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى خوڭكوڭ سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بېيجىڭدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي شتاب باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ئازادلىق» تور بېتى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جەنجۇنىڭ قەشقەرگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مىڭ جەنجۇ قەشقەرگە كەلگەندە ئەكبەرجاننىڭ كۆچمەن خىتايغا پىچاق سېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك يېتىپ كەلدىمۇ ياكى يەنە باشقا سەۋەبمۇ بارمۇ؟ ئوخشاشلا ۋاقىتتا خوڭكوڭ سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئاڭلىتىشىغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدا جۇڭگودا ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ دىنى تەبلىغ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. سەھنىگە قاراپ باقسام بۇ يىغىنغا دېگۈدەك تۇڭگانلار قاتناشقاندەك كۆرۈندى. يا قازاق يوق، يا ئۇيغۇر يوق. لېكىن بۇ يىغىن يەنە شۇنداق سەزگۈر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. باشقا مەسىلىلەر قاتارىدا، خىتاينىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بەرھەق ئىدى.
مىڭ جەنجۇ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا قاراتقان خىزمەت تەكشۈرۈش زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىغا يېتىپ كېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنغا قاتناشماقچى بولدى. باشتا ئېيتقاندەك، خۇ جىنتاۋ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموفقا سۆزلەپ بەرگەندەك، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە شىنجاڭدىكى شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ ھەممىسىنى باستۇرۇش كېرەك» دېگەن يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، مىڭ جەنجۇ ئاستانىغا يېتىپ كەلگەنمۇ، نېمە؟
دەل شۇنداق سەزگۈر پەيتلەردە ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇرلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى خىتاينى سەراسىمغا سېلىپ قويدى. ۋەزىيەتنىڭ ئالدى-كەينىدىن كۆزىتىپ تۇرغان مىڭ جەنجۇ شۇڭا ئالدىراپ تېنەپ قەشقەرگە ۋە ئاستانىغا يېتىپ كەلدى.
ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئۇيغۇرلار كېڭىشى، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ئوخشاشمىغان كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يوللىرىدا ئىزدىنىپ مەقسەتلەر بىرلىكىدە ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي يول خەرىتىسى بەلگىلەشنى مۇھاكىمە قىلدى.
تۈرك قانۇنشۇناسلىرى كۆرسەتكەندەك، ئۇيغۇرلار نىڭ تارىختا قۇرۇلغان بولۇپمۇ ئاخىرقى قېتىم ئۇيغۇرستانىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقلىرى، خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ۋە غايىلىرىگە ئۇيغۇن مۇقەددەس ھوقۇقتۇر.
0:00 / 0:00