مۇستەملىكىچى خىتايلارنىڭ يېڭى نەزەرىيە دېگىنى، زادى نېمە دېگىنى؟ بۇ نەزەرىيە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسى دېگەنلىكتۇر. يېڭى ئىجادىيەت دېگىنى ئۇيغۇر، قازاقنىڭ ئىكنزارلىرىنى ۋە يايلاقلىرىنى تارتىپ ئېلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە تارقىتىپ بېرىش ئىجادىيىتى دېگەنلىكتۇر. يېڭى تەجرىبە دېگىنى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننى يېڭىچە 19 ئۆلكىگە مۇستەملىكە قىلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. يېڭى نەتىجە دېگىنى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقىنى جۈملىدىن نېفىت بايلىقىنى تىز ئېچىش، تىز يۆتكەش دېگەنلىكتۇر. قەشقەر شەھىرىنى تىز يوقىتىش دېگەنلىكتۇر.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە: «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتە تارىخنى، 10 مىڭ كىشىگە لېكسىيە قىلىپ سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى» دەپ ماۋزۇ قويۇلدى. تەشۋىقات مۇدىرى خۇ ۋى يۇقىرىقىدەك سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن يەنە مۇنداق دېدى:
-«ئالتە تارىخنى سۆزلىشىمىز كېرەك». مۇستەملىكىچى خىتايلارنىڭ «ئالتە تارىخ» دېگىنى نېمە دېگىنى؟ بۇلار، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلقنىڭ كۈرەش تارىخى، ئىگىلىك تىكلەش تارىخى، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش تارىخى، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەر تەرەققىيات تارىخى، دىننىڭ ئۆزگىرىش تارىخى قاتارلىق تارىخلار ئىكەن.
پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلقنىڭ كۈرەش تارىخى دېگەنلىك، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيىسى ئۇيغۇرىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرىستاننى مۇستەملىكە قىلىش تارىخى دېگەنلىكتۇر. ئىگىلىك تىكلەش تارىخى دېگەنلىك، بىڭتۇەن خىتايلىرى ۋە كۆچمەن خىتايلارنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئىگىلىك تىكلەش تارىخى دېگەنلىكتۇر. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش تارىخى دېگەنلىك، بۇ تارىخنى ئەسلىدە ئامېرىكىلىقلار يېزىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى بېكىنمە ۋە قالاق ھالەتتە تۇرغان خىتاينىڭ دەرۋازىسىنى ئامېرىكىلىقلار ئېچىۋېتىپ، خىتاينى بۈگۈنكىدەك ئىسلاھات قىلالايدىغان، دۇنيادا ئاكاڭ قارىغاي ئىككىنچى دېيەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان دۆلەت ئامېرىكا بولغانلىقتىن، خىتاينىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ يېزىشى توغرا بولاتتى.
شۇڭلاشقا بۇ يەردە مۇستەملىكە خىتايلار ئۈچۈن ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش تارىخى دەيدىغان تارىخ بولمايدۇ.
شىنجاڭ تارىخى دېگىنى نېمە دېگەنلىك، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئالدىراپ-تېنەپ دەيدۇكى، «شىنجاڭ خەن دەۋرىدىن تارتىپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىدى.» ئەمما، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ تارىخى دېگەنلىك، موڭغۇللارنىڭ، مانجۇلارنىڭ ئۇيغۇرىستاننى مۇستەملىكە قىلىش تارىخى دېگەنلىكتۇر. بۇ زېمىنغا ھېچقاچان، 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن بۇرۇن، خىتاينىڭ قەدىمى يەتكەن ئەمەس دېگەنلىكتۇر.
ئاتالمىش مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى دېگەنلىك، نېمە دېگەنلىك؟ ئۇيغۇرلارنى ھوقۇقتىن ئايرىپ تاشلاش، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇرىستاندا يەرلەشتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق تۇغۇت ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش دېگەنلىكتۇر.
ئالتىنچىسى دىننىڭ ئۆزگىرىش تارىخى دېگەنلىكى نېمە دېگەنلىك، كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەم ماركسىزمنى، خىتايچە بۇددىزمنى، ماۋ زېدۇڭىزمنى ئىسلام دىنىنىڭ ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتەلمەيدۇ.
يۇقىرىقى ئالتە خىل تارىخ، ئەمەلىيەتتىكى ئالتە خىل كاززاپلىق، 10مىڭ كىشىلىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ئۈچۈن قانداق قىلغۇلۇق، قارىغاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرىستاندا باشقۇرۇشنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاساسلىرىنى تاپالمىغان گەپ. تاپقاندىمۇ يالغانچىلىق بىلەن كاززاپلىق چېنىپ قالغان گەپ. شۇڭا ئالتە خىل تارىخ دېگەننى ئويدۇرۇپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.