خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە

خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا يىتىپ كەلگۈچە سىياسىي كەيپىيات بىر ئاز جىددىيلەشتىمۇ؟ بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئامېرىكا خۇ جىنتاۋنى يۇقىرى دەرىجىدە كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئاغرىغان يېرىگە تۇز قۇيغاندەك بولدى.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ ۋە كونسېرۋاتىپلارنىڭ بىرلىكتە خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەت ئىشلار زىيارىتىگە قىلغان ھۇجۇملىرى، زىيارەتكە بىر ئاز تەم قوشۇپ قويغاندەك بىلىندى. 13يىل دەپ ھېسابلىغاندا، خىتاي رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلار زىيارىتىدە بولغان ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، خىتايلار تۆت يىلدا بىر قېتىم دەپ ئاتاشنى ماقۇل كۆردى.

2006-يىلى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان، بۇ زىيارەتنى دۆلەت ئىشلار زىيارىتى دەپ ئاتىغان. لېكىن، ئامېرىكا تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى "رەسمىي" زىيارەت دەپ ئاتىغان ئىدى. پەرق شۇ يەردىكى، 2006-يىلى ئامېرىكىدا خۇ جىنتاۋغا دۆلەت زىياپىتى بېرىلمىگەن.

بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋغا دۆلەت زىياپىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، پرېزىدېنت ئوباما، خۇ جىنتاۋغا ئائىلىۋى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا يىتىپ كېلىش بىلەنلا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۆيىگە كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىپتۇ. خۇ جىنتاۋ تەرەپتىن ئىككى نەپەر كىشى رەئىسكە ھەمراھ بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپتىن ئىككى نەپەر كىشى پرېزىدېنت ئوباماغا ھەمراھ بولۇپ ئائىلىۋى زىياپەتكە قاتنىشىپتۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن "بوشۈن" تور بېتىگە يازغۇچىلار، ۋاشىنگتوندا بېرىلىدىغان ئائىلىۋى زىياپەت، چىكاكودا بېرىلىدىغان ئائىلىۋى زىياپەت بىكار قىلىندى دەپ يالغان خەۋەر تارقاتقان ئىدى. بۇ خەۋەرنىڭ تارقىتىلىشى ئېھتىمال خۇ جىنتاۋ زىيارەتكە كېلىشنىڭ ھارپىسىدا ۋاشىنگتوندا كۆرۈلگەن ئازراق جىددىي سىياسىي كەيپىياتقا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

1-ئاينىڭ 19- كۈنىگە كەلگەندە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ، خۇ جىنتاۋغا ئائىلىۋى زىياپەت بېرىدىغانلىقى رەسمىيلەشتى. زىياپەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارى خانىم. دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى دونىلۇن قاتناشتى. خىتاي تەرەپتىن خۇ جىنتاۋغا ھەمراھ بولۇپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، دۆلەت كومىسسارى دەي بىنگو قاتناشتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئائىلىۋى زىياپەتكە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ قاتتىق كۈچ چىقارغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خۇ جىنتاۋ زىيارەتكە كېلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچىدىكى، خىتاي بىلەن بېرىپ-كېلىشى ئىنتايىن قويۇق بولغان ئۇچ نەپەر مىنىستىرنىڭ ئالدىنقى سەپكە چىقىپ، يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ سۆزلىگەن نۇتقى، سىياسىي كەيپىياتنى بىر ئاز جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى بولغاي. مەسىلەن، مالىيە مىنىستىرى گېيتنىر پۇل كۇرسى مەسىلىسىگە ئائىت توختالدى. ئەمما، سودا مىنىستىرى لۇ جياخۇي يېڭى سىياسىي ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ،"جۇڭگو ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ، چۈنكى توختام ئىمزالايدۇ. لېكىن، قانۇن تۇرغۇزمايدۇ، قانۇن تۇرغۇزغاندىمۇ ئىجرا قىلمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

ھەممىدىن دىققەتكە سازاۋەر بىر تەرەپلىرى شۇ بولدىكى، 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى "دوۋىي ئاخباراتى" تورىدا ئېلان قىلىنغان" ئالاھىدە خەۋەر: خىتاي، ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نورماللاشقان يېڭى يىل " ماۋزۇلۇق ماقالىدە، ئائىلىۋى زىياپەتكە بىللە قاتناشقان دۆلەت بىخەتەرلىكى ياردەمچىسى تام دونىلۇن ئەپەندىنىڭ "بۇ قېتىمقى ئائىلىۋى زىياپەت ئادەتتىن تاشقىرى بولدى، ئايرىم كىچىك سورۇندا كۆڭۈلدىكىدەك سۆھبەتلەشكىلى بولىدىكەن" دېگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. يەنە بىر تەرىپى شۇكى، خوڭكوڭ "سۇمرۇق "تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئاستىدىن چىقىپ تۇرىدىغان خەتتە، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا زىيارەتكە بېرىشنىڭ ھارپىسىدا 17- كۈنى نېمە ئۈچۈندۇر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى ۋەدە بويىچە موسكۋاغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راۋلوپقا تېلېفون بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. يەنە شۇ تېلېۋىزىيە 18- كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەي بىنگو موسكۋاغا بېرىپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى دوكلات قىلىدۇ، دېدى. نېمە ئىشلار بۇ ؟ ھازىرغىچە، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن 8 قېتىم ئۇچراشقان رەئىس خۇ جىنتاۋ، نېمىشقا بۇ قېتىملىق ۋاشىنگتون زىيارىتىنى موسكۋاغا دوكلات قىلىدىغان بولۇپ قالغاندۇ؟