رەئىس خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىلەن كېلىدىكەن...

رەئىس خۇ جىنتاۋ 1-ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلار زىيارىتىدە بولىدىكەن.

8 يىل ئۈزۈلۈپ قالغان باردى-كەلدى مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سابىق رەئىس جياڭ زېمىن، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ 1997-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ قىزىل گىلەم ئۈستىگە ئاياق قويغان ئىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى شۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئېھتىمال كېيىنكى 13 يىللىق ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئاساس سالغان بۆلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا جياڭ زېمىن بەك خۇشال ئىدى. چۈنكى، ئۇ يېڭىلا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خوڭكوڭنى ئەنگلىيىنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى.

سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون 8 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىرىپ سىياسىي تۆھپە ياراتقان بولسا، پرېزىدېنت بوش ئالاھىدە دەۋردە پرېزىدېنت بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، سابىق پرېزىدېنت بوش ئامېرىكا تارىخىدا ۋە دۇنيا تارىخىدا ئالاھىدە دەۋر ياراتقان پرېزىدېنت بولۇپ قالدى. سابىق پرېزىدېنت بوش خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە، خەلقئارا ئىشلارغا باغلىق خىتاينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سودىغا ئېتىبار بېرىش بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن تىركىشىپ 17 نەپەر تىبەتلىك سىياسىي مەھبۇسنى، بىر نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنى خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد قىلدى.

پرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا سىياسىتىدە ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولدى. مەتبۇئاتلار پرېزىدېنت ئوباما "تىنچ ئوكياننىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ قالدى" دېيىشتى. پرېزىدېنت ئوباما ئۆزىمۇ "ئامېرىكا ھەرگىز ئىككىنچى دۆلەت بولمايدۇ" دەيدىغان تەلەپپۇزدا سۆز قىلىپ، تور بەتلىرىدە تارقالغان "خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلاندى، خىتاي ئىككىنچى ئىقتىساد دۆلىتىگە ئايلاندى" دەيدىغان ئۆسەكلەرگە جاۋاب بەرگەن بولدى.

مېنىڭچە 2009-يىلى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى باشلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن، شۇ يىلى 2-ئايدا دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارىي كلىنتون خانىم كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى بويىچە خىتايغا يول قويغان، ھەتتا كوممۇنىزمغا قارشى جەڭچى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن نەنسىي پېلوسى خانىممۇ بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا ئېغىزمۇ ئاچمىغان ئىدى.

9-ئايدا رەئىس خۇ جىنتاۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتقان، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇچۇرى مەتبۇئات ۋە تور بەتلىرىدە كەڭ تارقالغان ئىدى.

2010-يىلى كىرگەندىن كېيىن، مېنىڭچە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ئاستا-ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل كۇرسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدە بويۇن تاۋلىق قىلدى، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئاسىيا سىياسىتىگە قارشى ھۈرپىيىشكەن باشلىدى. خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھىندى ئوكياندا پەيدا بولۇشىغا تەييارلىق قىلدى. جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە ھەربىي جەھەتتە خىرىس ئېلان قىلدى، ياپون دېڭىزىدا سېنكاكو ئاراللىرىغا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزمەكچى بولدى. جىن بودەكنى ( كىم جۇڭئىل) كۈشكۈرتۈپ كورىيە يېرىم ئارىلىدا، ياپون دېڭىزى ئەتراپىدا ۋەقە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.

ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئۆتكەن يىلى 7-ئايلاردا كەسكىنلىشىپ، خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۆرۈشى مەزگىلىدىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشاپ قالدى. ئوخشىمايدىغان پەرق شۇ يەردىكى، ئۇ چاغدا خىتاي، ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئورتاق دۈشمەن ياپونىيىگە قارشى تۇراتتى. ئەمدىلىكتە جەنۇبى كورىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، شىمالى كورىيە ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرمىسا بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ئەگەر، خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىرىش ياكى خىتاينى ئەينى چاغدىكى سابىق سوۋېتلار لاگېرىدىن قايتۇرۇپ كېلىش دۇنياۋى ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتنىڭ مەزمۇنى ياكى پىلانى ئىدى دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا خىتاينى ئاسىيادا قۇدرەتلىك دۆلەتكە، ھەربىي، ئىقتىسادى ئىشلاردا تەرەققىي قىلغان قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشمۇ، دۇنياۋى ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتنىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسىتى ھېسابلىنامتى؟

يېقىندىن باشلاپ خىتاي كۆرەڭلىرى گرېتسىيىنىڭ ئىچكى قىيىنچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قەرزنى سېتىۋالماقچى، گېرمانىيە بىلەن زور مىقداردا سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، دوللارنىڭ ئورنىنى چۈشۈرۈپ، ياۋرونىڭ قىممىتىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇندى. قارىماققا خىتاي ھازىر پۈتۈن دۇنياغا پۇل بىلەن يۈرۈش قىلماقچى بولدى. ھەربىي ئىشلاردىمۇ كۈرەشچى ئايروپىلان ياساپ ئامېرىكىغا پوپوزا قىلماقچى بولدى.

"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى"نىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خۇ جىنتاۋنى كۈتۈپ ئالىدىغان دۆلەت زىياپىتىگە ئامېرىكا بىر ئاي تەييارلىق قىلغان ئىمىش.

بۇ قېتىم رەئىس خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىلەن كەلگەندە قاتتىق قول سىياسەت ئېلىپ كېلەمدۇ ياكى جياڭ زېمىنغا ئوخشاش مۆتىدىل يول قويۇش سىياسىتى ئېلىپ كېلەمدۇ، بۇ تەرىپى بىزگە قاراڭغۇ. پرېزىدېنت ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا سىياسىتىنىڭ كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا تىبەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟!