1 - يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش مەسىلىسى."جۇڭگودا دۆلەت قۇرغان كىشىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن بۈيۈك بايلىق " "جۇڭگو خەلقىنىڭ ئشكىنى باققۇچى قاراۋۇل"، يادرو قوراللىرى بولغانلىقتىن " جاھانگىر دۆلەتلەر يېنىكلىك بىلەن تەۋەككۈلچىلىك قىلالمايدۇ"،" جۇڭگولۇقنىڭ يادرو قوراللىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن "زوراۋان دۆلەتلەر يادرو قوراللىرنى قىسقارتىشنىڭ ھېلە - مىكىرىنى ئويناپ چىقتى"" كىمدۇ،كىم ئامېرىكىنىڭ ئودارىغا ئۇسۇل ئوينايدىكەن، سادام ھۆسەيىن دۇچار بولغان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ" ۋەھاكازا، دىدى ئاپتور.
خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى مۇستەملىكىسى ئۇيغۈرىستاننىڭ لوپنۇر رايونىدا سىناق قىلىندى، يەر ۋەتۇپراق قايسى دەرىجىدە بۇلغاندى،ئۇيغۇر ئاھالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى قانچە ياشقا چۈشۈپ قالدى؟ ئەگەر چوڭ دۆلەتلەر ئاتوم - يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش يىغىنلىرىدا، ئامېرىكا روسىيە بىرلىشىپ بىر قارارغا كېلىپ، خىتايدىن ئىبارەت يادرو دۆلىتىنى چەكلەش دائىرىسىگە ئېلىپ كىرەلىسە، بۇ ئش ئەلۋەتتە خەلقئارا جەمئيەتنىڭ تولۇق غەلبىسى ھېسابلىناتتى.
2 - مەسىلە ئىران يادرو قوراللىرى مەسىلىسى. "ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى دۇنياۋى تالاش - تارتىشقا ئايلاندى... ئىنتايىن باي نېفىىت مەنبەئەلىرىنى كىم تىزگىنلىسە، نېفىىتسىز دۆلەتلەرنىڭ ھايات - ماماتلىق تەقدىرى شۇ كىشىنىڭ قولىدا بولىدۇ"،" مۇبادا جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك كومىتېتىدا ئىراننى جازالاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، ئىران - ئىراقنىڭ كەينىدىن ئاغدۇرۇلۇش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، نېفىىت ئمپورت قىلىشقا تايىنىپلا قالغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلىشى توختاپلا قالىدۇ" دەيدۇ ئاپتور.
ئاپتور ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىنسانىيەتنىڭ تىچلىقىدىن خاۋاتىرلىنىپ باھا بەرمەي،ئەكسىچە جۇڭگونىڭ ئقتىسادى مەنپەئەتى، جۇڭگونىڭ نېفىىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنى كونترول قىلىشى نوختىسىدىن باھا بېرىپ، دۇنياۋى ئاپەت بىلەن دۇنياۋى مەنپەئەتپەرەستلىكنىڭ قايسىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش مەسىلىسىدە، مەنپەئەتپەرەستلىكنى تاللاپ ئېلىپ، دۇنياۋى ئاپەتنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا جۇڭگونىڭ سۇكۇت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
3 - خەلق پۇلىنىڭ ئوبروتتىكى قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسى. "مۇبادا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى تە ڭلىشىپ قالىدىغان بولسا، ئەسلىدىكى زور مىقدارلىق پىروۋۇت بىر كېچىدىلا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ" دەيدۇ ئاپتور خانىم. بۇ خانىمنىڭ پىكرىنىڭ ئەكسىچە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدىغان بولسا، سودا قىلىشىۋاتقان دۆلەتلەر ئارا تەتۈر بالانس تۈگمەيدۇ.ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە ئشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋار ماللار خىتاي بازىرىدا ئاكتىپ رىقابەتلىشىش ۋەزىيىتى يارىتالمايدۇ. تاۋار ئشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلارنىڭ ئوبروتىغا تەسىر يېتىدۇ. مەسىلەن، "2000 - يىلى 1 - ئايدىن 2009 - يىلى 5 - ئايغىچە، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا غەيرى نېفىىت مەھسۇلاتلىرى سودىسىدا كۆرۈلگەن تەتۈر پەرقنىڭ نىسبىتى 26%تىن 83%گە كۆتۈرۈلدى. ئامېرىىكىدا سانائەت ئشلەپچىقىرىش تارماقلىرى ئەمدى تاقەت قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. 1994 - يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرلىكى جۇڭگونى پۇلنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزمىدى.شۇنداق ئىكەن،
ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى پۇقرالىرى تاسمىنى چىڭ باغلاپ ئىككى ۋاخ تاماق يېيىشى كېرەكمىدى ئاپتور خانىم؟ سودا ئادەتتە تەڭ ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر ئارا تەڭ ھوقۇقلۇق ئايرىۋاشلاش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلاتتى. بىر تەرەپ زىيان تارتىپ بىر تەرەپ پايدا ئالىدىغان ئش بولسا بۇ ئادەتتە سودا ھېسابلانمايتى. قارىغاندا بۇ كۈنلەر ئەمدى ئاخىرلىشىدىغاندەك تۇرىدۇ،ئاپتور خانىم. شۇنداق بولىدىغانلا بولسا جۇڭگوغا يىتىپ كېلىدىغان زەربە ۋە تەھدىتنى قانداق مۆلچەرلەش بۇ ئەلۋەتتە جۇڭنەنخەينىڭ ئختىيارىغا قالدۇرۇلدى.