بىر چالمىدا ئىككى پاختەك ئۇرۇش ھىيلىسى

2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى "ئۇيغۇر بىز" تور بېتىدە "ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى"نىڭ مۇخبىرى لى يۇڭفىڭ ئەپەندىنىڭ 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى "ئىقتىساد گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ يېزىپ چىققان زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئەگەر خىتاينىڭ ساختا قانۇن ئورگانلىرى ئاساسلانغان "چەتئەل مۇخبىرى" نىڭ زىيارىتى شۇلا بولىدىغان بولسا، خوڭكۇڭنىڭ مۇخبىرى چەتئەل مۇخبىرى ھېسابلانمايتتىغۇ ؟

زىيارەت قىلغۇچى خىتاي مۇخبىرنىڭ يېزىشىچە: غەيرەت نىياز ئەپەندى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى نامايىش توغرىسىدا ھۆكۈمەت تەرەپكە خەۋەر يەتكۈزگەن ئىمىش... ھۆكۈمەت قوبۇل قىلماپتۇ... ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، " ھۆكۈمەت ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىدى...مەن 4 - كۈنى ئەركىن ئاسىيا، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق رادىئولارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىدىم... چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چوڭ - كىچىك باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى نوتۇق سۆزلىدى...مەن بىر دوستۇمغا تېلېفون بىرىپ ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىشى كېرەك دېدىم... - خوڭكۇڭلۇق مۇخبىر غەيرەت نىياز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئەنە شۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ، - 1 - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سائەت 12دىن بۇرۇن نوتۇق سۆزلىشى كېرەك. 2 - ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى خىتاي سودىگەرلەر تىزراق ئۆيلىرىگە قايتىشى كېرەك. 3 - قانچىلىك ئەسكەر يۆتكىيەلىسەڭ، شۇنچىلىك ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ...

جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشىڭ كېرەك... دادام 3 ۋىلايەتتە ئەسكەر بولغان، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق خائىشى يوق...مەندەكلەرنىڭ مۇستەقىللىق خائىشى تېخىمۇ يوق...ئۇيغۈرلارنىڭ خاراكتېرى كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىقنى، ئۇرۇش - تالاش قىلماسلىقنى بەلگىلىگەن... كىدانلار، موڭغۇللار كەلگەندە ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بولغان... " بۇ جۈملىلەر غەيرەت نىيازنىڭ جۈملىسىمۇ ياكى مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۆكۈرۈپ قوشۇپ قويغان جۈملىلىرىمۇ، بىلگىلى بولمايدۇ. نەتىجە، "مەن بەرگەن 3 تۈرلۈك تەكلىپتىن ھۆكۈمەت بىر تەكلىپنىمۇ قۇبۇل قىلمىدى..." دەپ سۆزلەپتۇ غەيرەت نىياز ئەپەندى مۇخبىرغا.

مۇشۇ زىيارەت خاتىرىسىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىكىرلەرگە ئاساسلانغاندا، غەيرەت نىياز ئەپەندى "5 - ئىيۇل نامايىشى"نىڭ ئالدى - كەينىدە خىتايغا "سادىق" بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن بولىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەت بىلەن مەقسەت ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. غەيرەت نىياز ئۇيغۈر خەلقىنىڭ ياخشى ئوغلىدۇر.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ھاكىمىيىتى غەيرەت نىيازنى نېمىشقا قولغا ئالدى، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا قانۇن ئورگانلىرى قانۇنلۇق ئىش قىلىۋاتقان غەيرەت نىيازغا مۇكاپات بېرىشنىڭ ئورنىغا 15يىللىق قاماق جازاسى بەرگىنى قانداق گەپ؟

مەن تەكلىپ بەردىم. لېكىن، ھۆكۈمەت قوبۇل قىلمىدى دېگەنلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى پىلانلىق، مەقسەتلىك، بەلكى شۇنىڭ ئۈچۈن سۇيىقەستلىك قىرغىن قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت مېنىڭ ۋە باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ نامايىش توغرىسىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىمىزنى قوبۇل قىلمىدى... دەيدىغان يۇشۇرۇن، سىياسى لوگىكىلىق پىكىر خوڭكۈڭ مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇيىقەستى پۈتۈن دۇنيادا پاش قىلىندى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، تۈزۈم ئىچىدە ياشاۋاتقان غەيرەت نىياز بىر ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر كىشى قىلىدىغان ئىشنى قىلدى، ئەخلاقلىق بىر ئادەم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدى، خۇددى نامايىشچى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ تىنچ يول بىلەن قانۇنلۇق نامايىش قىلىشنىڭ يولىنى تاللاپ ئالغاندەك، غەيرەت نىياز ئەپەندىمۇ قانۇنلۇق كۈرەش قىلىشنىڭ يولىنى، بىر مۇخبىر قىلىشقا تىگىشلىك قانۇنلۇق يولنى تاللاپ ئالدى. شۇڭا غەيرەت نىيازنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق.

مۇخبىر غەيرەت نىيازنىڭ قىلغانلىرى قانۇنى بار دېيىلگەن بىر دۆلەتتە قىلغان ئىشتۇر، خوڭكۈڭلۇق مۇخبىر ئېلان قىلغان زىيارەت خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمايدىغان پىكىرلەرنىڭ غەيرەت نىيازنىڭ ئاغزىدىن چىقىشىغا كەلسەك، مۇخبىر خىتاي ئىكەن، ئۇ قانچىلىك قوشتى، بىلگىلى بولمايدۇ. لېكىن خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا قانۇن ئورگانلىرى غەيرەت نىيازغا ھەم 15يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ دەردىنى ئېلىپ، ھەم خوڭكۇڭلۇق خىتاي مۇخبىرنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەيرەت نىيازنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەكچى، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى ئۇرماقچى بولدى.

ماكان، زامان تاللىماي، سورۇن ۋە شارائىت تاللىماي بىر ئادەمدىن ھە دېسە مېتافىزىكىلىق شەخسى قەھرىمانلىق، مېتافىزىكىلىق شەخسى باتۇرلۇق تەلەپ قىلىش بۇ، خىيالپەرەستلەرنىڭ تاتلىق خىيالىدۇر. شۇڭا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۈر سىياسىي مۇساپىرلار، جىددى ۋەزىيەتتە،

ئۈلۈم، قولغا ئېلىشلاردىن قورقماي، سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر ئاخباراتچىنىڭ ئەخلاق خىسلىتىنى جارى قىلىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا دادىل پىكىر قىلالىغان غەيرەت نىيازدەك ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرىمىزنى قوغدايمىز، دېيىشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.