«بۆرە راستىنىلا يىتىپ كەلدى» مۇ؟

شىنخۋاشېنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەرشارى گېزىتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېيجىڭ ئالەم ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ ۋىنمۇنىڭ «ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بىر توپ بۆرىلەر ھەقىقەتەن يىتىپ كەلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.05.13

ماقالىدە، ئامېرىكا ياۋروپاغا ياردەم قىلىپ، سابىق سوۋېتلەرنى ۋە يۇگوسلاۋىيىنى پارچىلاپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى بالقان يېرىم ئارىلىدا بىرلىككە كەلتۈردى.

بۇنىڭغا جاۋابەن لىۋىيە مەسىلىسىدىن كېيىنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى يىراق شەرقتە، بولۇپمۇ جۇڭگو مەسىلىسى بويىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكىغا ياردەم بېرىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.

قارىغاندا، بۆرە راستىنىلا يىتىپ كەلدى. يىتىپ كەلگىنى بىرلا بۆرە ئەمەس، بۇنىڭ كەينىدە يەنە بىر توپ بۆرە بار. ھېقىقى خىرىس ھازىر كېلىۋاتىدۇ، دېيىلدى ماقالىدە.

3-ئاينىڭ 27-كۈنى ناتو لىۋىيىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنى ئامېرىكىنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزۈپ ئالدى. بۇ ھەرىكەت، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا سىياسەتتە دەسلەپكى قەدەمدە مۇناسىپ ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھازىر قارىغاندا ياۋروپانىڭ بىرلىككە كېلىشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى، يالتا رامكىسى ئىچىدە ئەمەس، بەلكى يالتا ۋەزىيىتى بىلەن ئۆز-ئارا چەتكە قېقىشىدىغان تارىخنىڭ مۇساپىسى، ئۆزىنىڭ نىشانى-ياۋرۇپالىقلار يېڭى بىر ۋەزىيەتتە ياۋروپا يېتەكچىلىكىدىكى، دۇنياۋى بىر سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەنى ياۋروپا بۆلۈنمىگەن، مۇستەملىكە سىستېمىسى بولمىغان «ۋېرسال سىستېمىسى» نى، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە پىلانلىغان، ياۋروپانى شەرقىي ياۋروپا ۋە غەربىي ياۋروپاغا پارچىلايدىغان يالتا سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولدى، دېيىلدى ماقالىدە.

ياۋروپالىقلار 1946-يىلىدىن باشلاپ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئىنتىقام ئېلىشقا تەييارلىنىپ، يالتا سىستېمىسىنى پارچىلاپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ۋېرسال سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يېقىنلاپ كەلدى.

2010-يىلى ئامېرىكا ئاسىياغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى شۇنداقلا ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ناھايىتى زور ئىستراتېگىيىلىك ماكانغا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ياۋروپانىڭ ھەقىقىي بىرلىكنى تاماملاشتا، شىمالىي ئافرىقىنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىگە تايىنىشقىلا بولمايدۇ، مىلتىقمۇ ماسلىشىپ كېلىشى كېرەك.

بۇنداق بولغاندا، مەنتىقىگە ئۇيغۇن ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە يۈرۈش قىلىشىدا لىۋىيە بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ قالىدۇ، دېيىلدى ماقالىدە.

ئۆتۈپ كەتكەن 20 يىلغا نەزەر سالساق،‏-دەپ باشلايدۇ ئاپتور،‏ ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېتلار دۇنيانى ئورتاق باشقۇرىدىغان يالتا سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق باشقۇرىدىغان دۇنياۋى سىستېمىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، پرېزىدېنت رېگان دەۋرىدىن، پرېزىدېنت بوش دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىدە ئاڭلىق ئىجرا قىلىدىغان دىپلوماتىك خاھىش بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا ياۋروپا بالقان يېرىم ئارىلىدا بىرلىككە كېلىپ، كوسوۋاغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 2010-يىلى ئاسىياغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئىنتايىن ئىلمىي، ئىنتايىن پاكىتلىق يېزىلغان بۇ ماقالىنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا يالتا سىستېمىسىدىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ.

يالتا سىستېمىسى ياۋروپادا يىمىرىلگەن ئىكەن، دېمەك، يالتا سىستېمىسىنىڭ ياۋروپا ئىستراتېگىيىسى يىمىرىلگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا يالتا سىستېمىسىنىڭ يىراق شەرق ئىستراتېگىيىسى قاچان يىمىرىلىدۇ؟

«ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىپ كېلىشى» يالتا سىستېمىسى يىراق شەرق ئىسىتراتېگىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ سابىق پرېزىدېنت بوشنىڭ 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى لاتۋىيىنىڭ رىگا شەھىرىدە «يالتا يىغىنى ئىنتايىن زور تارىخى خاتالىق بولغان ئىدى» دەپ سۆزلىگەن نۇتقى، ئاسىيادا يالتا سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە بېرىلگەن بىر سىگنالمىدۇ؟ يىراق شەرق ئىستراتېگىيىسى ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىنى، تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنى، مانجۇرىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنىڭ يالتا يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئېلان قىلغان «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ 314-بېتىدە «يالتا يىغىنىدا تىلغا ئېلىنغان شىنجاڭ مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئاستىدا ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنىڭ يالتا يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تولۇق شەرھلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.