بۇدساتۋا جاڭ چۈنشەن بايىنغولىن ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيىسى، چارقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرىگە بېرىپ خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ھال سورىدى. ۋاڭ لېچۇەن بىلەن بۇدساتۋا جاڭ چۈنشەننى سېلىشتۇرغاندا، خىتاي كۆچمەنلىرى توغرىسىدا ۋاڭ لېچۋەن چېگراغا ياردەم بەرگۈچى ياشلارمۇ دېمىگەن، ئەمگەك كۈچلىرىمۇ دېمىگەن، پەقەت ۋاڭ لېچۇەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى بازار ئىقتىسادىغا ئۆتكەندىن كېيىن بېرىپ كېلىۋاتقان سودىگەرلەر دېگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە سېكرېتار بۇدساتۋا جاڭ چۈنشەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار دەپ ئاتاشقا باشلىدى.
خىتاينىڭ مەركىزى كومىتېتى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا يەنى خىتايچە ئاتىلىشى شىنجاڭغا خىتاي كۆچمەنلىرى ئاھالىسىنى كۆچۈرۈشتىن، بولۇپمۇ بىر چىرايلىق سىم قويماي تۇرۇپ ئاھالە كۆچۈرۈشتىن ئاز-تولا ئەيمەنسە كېرەك. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتى: چېگرا رايونغا ياردەم بەرگۈچىلەر دەپ ئاھالە كۆچۈرەتتى. ئارىلىقتا ۋاڭ لېچۋەن سودىگەرلەر دەپ ئاھالە كۆچۈردى. ئەمدىلىكتە جاڭ چۈنشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار دەپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈشكە باشلىدى.
بىر نەپەر كۆچمەن خىتاي سېكرېتار جاڭ چۈنشەنگە مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تاڭشەن خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەرەزسىز ياردىمىگە ئېرىشكەن، ھازىر بىز شەپقەت ياغدۇرغۇچى مېھرىبان قەلبىمىزنى ئېلىپ، ئېچىۋېتىلگەن كوكسى-قارنىمىز بىلەن بۇ زېمىنغا يىتىپ كەلدۇق.
مانا كۆرۈڭ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئاتالمىش كادىر سەي شۇ ئەپەندى چارقىلىق ناھىيىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر چارۋىچىلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، بىللە تاماق يەپ چارۋىچىلارغا چارۋا ماللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا دەرس ئۆتكەن ئىمىش. ئۇنداقتا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر چارۋىچى ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇردىمۇ، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاش-تاماقتىمۇ بىللە بولامدۇ؟ ئۇنداق بولمىسا سەي نىڭ دېگەنلىرى زادى نېمە دېگەنلىك؟!
پاكىتلار كەينىدىن پاكىتلار دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ. خىتاي كۆچمەنلىرى شەكلى ئۆزگەرگەن تاجاۋۇزچىلاردۇر. قارىماققا قورالسىز تاجاۋۇزچىلار بولۇپ كۆرۈنسىمۇ ياكى ھەربىي تەرتىپ بىلەن تەربىيە كۆرمىگەن، لېكىن ھەربىي تەرتىپ، ھەربىي بۇيرۇق بويىچە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا كۆچۈپ كىرىۋاتقان تاجاۋۇزچى كۆچمەنلەردۇر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە نېگىزلىك ئەركىنلىكنى ھۆرمەت قىلىش دېگەنلىك،
ئەمەلىيەتتە تاجاۋۇزچىلىقنى چەكلەش ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى چەكلەش بىلەن بىر يەردە، بىر مەنىدە كېلەتتى. بۇ نىزامنامىدە نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش بىلەن بىر مەنىدە كېلەتتى.
1مىليون 960مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (ئوتتۇرا مەكتەپتە شۇنداق ئوقۇغان) بۇ زېمىن، بۇ ماكان خۇدا تەرىپىدىن، تەبىئەت تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا بەخشەندە قىلىپ بېرىلگەن ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى ۋە ئۇچرايدۇ؟ 1949-يىلى خىتاينىڭ گېنېرالى ۋاڭ جىن ستالىننىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئەسكەرلىرىنى ستالىن ئەۋەتكەن ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى ستالىن ئەۋەتكەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تاجاۋۇز قىلىپ ئۇيغۇرىستاننى مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان كۈندىن باشلاپ، ئۇيغۇرىستان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ئىدى.
2009-يىلى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ «شىنجاڭ» غا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى قانلىق قىرغىن قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى 19 خىتاي ئۆلكىسىنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ۋە ئىچكىرى خىتايدىن كۆچمەن خىتاي كۆچۈرۈشىگە مۇۋاپىق، خىتاي كۆچمەنلىرى رايونىغا ئايلاندۇرماقچى بولدى ۋە بۈگۈنگىچە بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى.
جاڭ چۈنشەن ئەپەندى، خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ھال سورىغاندا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلاردىنمۇ ھال سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ سېلىنىۋاتقان تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستانغا كۆچۈپ كىرىشىگە ئوڭ تاناسىپ بولۇۋاتامدۇ ياكى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى تارتىپ ئېلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرەمسىلەر؟!