خىتاي ئارمىيە باش شتاب باشلىقىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى ئامېرىكىغا زىيارەتكە يىتىپ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتايدا نەشر قىلىنىدىغان «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» نىڭ «ئازادلىق ئارمىيە باش شتاب باشلىقىنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى: ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مۇنداق دېدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى خىتايغا مايىل ۋەنۋىي تور بېتىگە چاپلاندى.

0:00 / 0:00

باش شتاب باشلىقى چىن بىندې ئامېرىكىغا يىتىپ كەلدى، ئامېرىكا بۇ كىشىنى قىزىل گىلەم سېلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالدى. چىن بىندېنىڭ زىيارىتى قارىماققا ناھايىتى سۈرلۈك زىيارەتتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى زور ئىستراتېگىيىلىك ئىختىلاپنى يوشۇرۇپ قالالمايتتى.

ئەمما، ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر نەپەر ئەمەلدارنىڭ بىر نەچچە جۈملە سۆزى، ئامېرىكىنىڭ باش قاتۇرۇپ بۇ زىيارەتنى نېمە ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئاشكارىلاپ قويدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مۇنداق دېدى: بىز ئىككى دۆلەت ئۆز-ئارا تۇرغۇزۇشنى ئۈمىد قىلغان مۇناسىۋەت مەلۇم دەرىجىدە تىنچلىققا ئىگە ۋە ئۆز-ئارا ئىشىنىش ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. ئەگەر بېرەر ۋەقە يۈز بېرىدىغان بولسا، بىزدە ئۆز-ئارا ئاساسلىنالايدىغان مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك.

خىتايلار بۇ بىر جۈملە سۆزنى مۇنداق تەھلىل قىلىشتى: دۇنيادا قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە ئامېرىكا، نېمىشقا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئىزچىل ھالدا خىتاي بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئالىي دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ئىزدىنىدۇ؟ ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار سۆزلىگەن بىر نەچچە جۈملە سۆزنىڭ مەنىسىدىن، ئامېرىكىنىڭ مەلۇم تۇيۇقسىز ۋەقەلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا، دەپ باشلايدۇ تەھلىلچىلەر: خىتاينىڭ ھەر خىل-ھەر شەكىللىك سانائەت تارماقلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا پەقەت ھەربىي تەرەپلا ساق قالغان ئىدى. بىر نەچچە 10 يىللىق ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋىتىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا خىتاينىڭ بارلىق ساھەلىرىنى ۋە ھالقىلىق ساھەلەرنى قولىغا ئېلىپ بولدى. پەقەت ئارمىيە تەرەپتىن ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

«مەلۇم تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى» دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسىگە ماس كېلىدىغان خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋالغا نەزەر تاشلىساق، خىتاينىڭ تاشقى جەھەتتە ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ب ب س 5-ئاينىڭ 15-كۈنى «خىتايدا ئىجتىمائىي بېسىم كۈچەيگەنلىكتىن، دائىرىلەر مۇقىملىقنى قوغداشتا جىددىيلىشىپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتايدا ئىنتايىن كۆپ سەزگۈر مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، سەزگۈر ئىشلار، سەزگۈر پېرسوناژلار، سەزگۈر ماۋزۇلار، سەزگۈر مەزگىل، ھەتتا دۆلەتنىڭ پىلانى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى سەزگۈر مەسىلە بولۇپ قالدى» دەپ كۆرسەتتى. يۇقىرىقى ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، شۇڭا خىتاي سەزگۈر پەيتكە، تۇيۇقسىز ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغان پەيتكە كېلىپ قالغانلىقتىن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى دېيىشكە بولىدۇ.