دالاي لامانىڭ سىياسىي تەشەببۇسى ئۆزگەردىمۇ؟

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى دوۋىي تور بېتىدە "ۋىلېكس" تور بېتىدە تارقىتىلغان خەۋەرلەر كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى. پاش قىلىنغان بىر پارچە خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 10- كۈنى يېڭى دېھلىدىن ئەۋەتىلگەن ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تېلېگراممىسىدا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تايمۇدى روممېىرنىڭ 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 8- كۈنى دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ خەۋەرنى ئەنگلىيىنىڭ قوغداش گېزىتى تور بىتى تېلېۋىزىيىسى، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسى تور بىتى تېلېۋىزىيىسى ئوخشاشلا كۆچۈرۈپ ئاڭلاتتى.

دالاي لاما باش ئەلچى روممېىر ئەپەندىگە:"مەن جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن، جۇڭگونىڭ مۇستەبىتىزملىق سىياسىي تۈزۈمى ئۇزاققا بارالمايدۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيىۋى قاراشلىرى ئىنتايىن تار، ئۇلار تىبەت خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇلىرىغا ھەسسىلەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لاما، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت شەكىللىرىنى تىبەتلەر رايونىنىڭ تىنچلىق، گۈللىنىش ئىشلىرىدا نىشان قىلىشقا بولىدۇ، ئۆتكەن ئىشلار تارىخقا ئايلىنىپ بولدى. ھازىر تىبەت خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقى "ئورتاق تونۇش ۋە ئورتاق مەنپەئەت "ئاساسىدا يېڭى بىر رېئاللىقنى تەسەۋۋۇر قىلىشى لازىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى دەل مۇشۇنداق سەۋەبلەر ئاساسىدا بىرلىشىپ، "دۆلەت بولۇپ"، ئەزا دۆلەتلەر ئوخشاشلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىللىي كىملىكىنى تەن ئېلىپ كەلمەكتە، دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لاما :"ئەگەر جۇڭگو دۇنياۋى زومىگەرلىك ئورنىغا ئوڭۇشلۇق چىقىدىغانلا بولسا، سابىق سوۋېتلەرنى ئۆلگە قىلىپ، گۇمانلىق ۋەقەلەرنى يارىتىپ، ۋەھىمە ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئامېرىكا رەھبەرلىرى جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، جۇڭگونىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئويلىشىپ، جۇڭگونى دېموكراتىك دۆلەتلەر قاتارىغا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى لازىم " دەپ كۆرسەتتى.

تېلېگراممىدا : دالاي لاما جۇڭگو تەرەپتىن ئاكتىپ سىگنال چىقىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي سۆھبەتكە تەييارلىنىپ قويغانلىقىنى قەيت قىلدى. چۈنكى، نۆۋەتتە تىبەتلىكلەر جۇڭگونىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى، دەپ كۆرسىتىلدى.
دالاي لاما باش ئەلچى روممېىر ئەپەندىگە مۇنداق دېدى:خەلقئارا جەمئىيەت تىبەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئېتىبار بىلەن قاراپ، تىبەتنىڭ سىياسىي مەسىلىسىنى 5يىل، 10يىل كېچىكتۈرۈپ تۇرسىمۇ بولىدۇ.

باش ئەلچى روممېىر بۇ ئۇچۇرلارنى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزگەندە، دالاي لاما تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن ناھايىتى كەڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىشنى "تىبەت مەسىلىسى" دېگەن مەسىلىدىن " تىبەتنىڭ "ئېكولوگىيىسى" دېگەن مەسىلىنى ياساپ چىققانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، دەپ يەتكۈزدى.

دالاي لاما يەنە : جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق تۇرمۇش شەكلىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تىبەت خەلقىگە تۆلەم تۆلىشى كېرەك دەپ، كۆرسەتتى. ھازىر دۇنيادا 3خىل ئېرىش يۈز بەرمەكتە. شىمالىي قۇتۇپ، جەنۇبىي قۇتۇپ مۇزلۇقلىرى ئېرىمەكتە، جۇمۇلاڭما مۇزلۇقلىرىمۇ ئېرىمەكتە...

تىبەت مەسىلىسىنى نۆۋەتتە تىبەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مەسىلىسىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى دالاي لامانىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى دېيىشكە بولمايدۇ. تىبەتنىڭ سىياسىي مەسىلىسىمۇ، تىبەتنىڭ ئېكولوگىيىسى مەسىلىسىمۇ ئوخشاشلا ئەمەلىيەتتە بىر نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپىدۇر. يەنى بۇ مىللەتنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدۇر. مىللەتنىڭ ھوقۇقى قولىغا كېلىدىغانلا بولسا، ئېكولوگىيە مەسىلىسىمۇ تىبەتنىڭ سىياسىي مەسىلىسىمۇ بىراقلا ھەل بولىدۇ. دالاي لاما بۇ يەردە پەقەت تەرتىپنى ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ خالاس.

دالاي لاما، باش ئەلچى روممېىرغا سۆھبەت بايان قىلغاندا، سۆھبەتنىڭ بىزنى قىزىقتۇرغان مەزمۇنى شۇ بولدىكى، تىبەتتە گۈللىنىشنى، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن- بىر نىشانى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى شەكلىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى شەكلىدە دۆلەت قۇرۇپ، ئىتتىپاق ۋە فېدېراتسىيىگە ئەزا بولغان ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ، مىللىي كىملىكىنى تەن ئېلىش -جۇڭگونى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى بويىچە فېدېراتسىيەلەشتۈرۈش، جۇڭگونى ياۋروپا ئىتتىپاقى بويىچە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسى ‏- مانا بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى سىياسىي تەشەببۇستۇر. بۇ سىياسىي تەشەببۇسنى باش ئەلچىنىڭ تېلېگرامما ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا يوللىشى كىشىنى تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغان بىر مەسىلىدۇر.

ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى، كىشىلەر دالاي لاما ئا پتونومىيە تەلەپ قىلدى، دالاي لامانى دوراشقا بولمايدۇ دېيىشكەن ئىدى. قامچىنىڭ دەستىسى بىلەن دۈمبىسىنى قاشلايدىغان بۇ كىشىلەرگە سىياسەت بار يەردە نېمە ئىش بار ئىدىكىن، تاڭ!