سۈرىيىدە نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. سۈرىيىنىڭ پرېزىدېنتى ئاساد بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان 5ئاي ئىچىدە نامايىشچىلارنى باستۇرۇش جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى،دەپ ئۆزىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىدى. مانا بۇ خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىتنىڭ ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىشىدۇر. قارىغاندا ئاسادنىڭ تەقدىرى كازافىينىڭ تەقدىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.
لىۋىيىدە باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش 6 ئاي داۋاملىشىپ كازافىينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ ، ئۆكتىچى قوراللىقلار پايتەخت ترىپولىغا غەلىبە بىلەن كىرىپ كەلدى. كازافىي تۇيۇقسىز غايىب بولدى.كازافىي ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدە ناتو خۇددى بوسىنىيە، كوسوۋادا ئىجابىي رول ئوينىغاندەك، ئىجابىي رول ئوينىدى.
لىۋىيە خەلقى ئەركىنلىك ئۈچۈن قولىغا قورال ئالدى. ئەركىنلىك ئىزدەپ قورالدىن ئوق ئاتتى. لىۋىيىدە ئەركىنلىك بىلەن بىر تال ئوق مەنىداش بولۇپ قالدى. لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى كازافنىيىڭ 42 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
قوراللىق ئۆكتىچىلەر پايتەخت ترىپولىغا يېقىنلاشقانسېرى گاز تۇرۇبىلىرىنى، نېفىت تۇرۇبىلىرىنى پارتلىتىپ كازافىي ھاكىمىيىتىگە ئىقتىسادى جەھەتتە زەربە بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى.
ئىچكى ئۇرۇش تارىختىن بېرى ھەر قايسى دۆلەتلەردە يۈز بېرىپ كەلگەن. ھەر قانداق ئۇرۇش ئىقتىسادنى ئۇپرىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھازىر لىۋىيىدە ئۆكتىچىلەر ئىقتىسادى نىشاننى يوق قىلىش بىلەن پايتەخت ترىپولىنى قورشاۋغا ئالدى.
لىۋىيىنىڭ ئۆكتىچى قوراللىق قىسىملىرى ھەم ناتونىڭ ھەربىي قورال-ياراق ياردىمىگە ئېرىشتى ھەم لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ئۇرۇش ئارقىلىق لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قوراللىرىنى تارتىپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى قوراللاندۇرۇپ ئۇرۇش قىلدى. لىۋىيىدە ئۆكتىچى قوراللىقلاريۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغۇدەك ئورمانلىقلار ۋە تاغلار يوق ئىدى. گىزى كەلگەندە بىر دۈۋە قۇم ھەم ئاكوپ ھەم مۇداپىئە قورغىنى بولالايدىكەن. تانكىنىڭ چاقلىرىمۇ ئۈزۈلۈپ كېتىدىكەن، ئايروپىلان ئاتارنى يەنى زېنت توپنى تويوتا ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالسىمۇ بولۇۋېرىدىكەن. لىۋىيىدە ئۇرۇش ئەنە شۇنداق داۋام قىلدى.
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 21 كۈنى پرېزىدېنت ئوباما: كازافىي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. لىۋىيىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە قەدىر-قىممەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ تۆمۈر مۇشتىدىن قۇدرەتلىكتۇر، دەپ كۆرسەتتى.
ئۆكتىچىلەر ترىپولىنى ئىگىلىدى. ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېلىل: 22-كۈنى سەھەردە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كازافىي لىۋىيىنىڭ سىمۋولى ئىدى، خەلق كازافىينى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ، لىۋىيىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى، دەپ كۆرسەتتى.