گوگۇل شىركىتىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىشى بىر دەۋرنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدىمۇ؟

"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "گوگۇل شىركىتى ۋەقەسى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى" ماۋزۇلۇق ماقالىنى بۈيۈك ئېرا تور بىتىنىڭ مۇخبىرى تەرجىمە قىلىپ 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بۈيۈك ئېرا تور بىتىدە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

گوگۇل شىركىتىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىشنى قارار قىلىشى بىر سىگنالدىن ئۇچۇر تارقاتتى، 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى بۈيۈك ئىتتىپاق: غەرب كاپىتالىزمى بىلەن بېيجىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ بىرلىكى ھازىر دەل بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇپتۇ" دەيدىغان سىگنالنى تارقاتتى. "ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى" خەۋەر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: "جۇڭگونىڭ رەھبەرلىرى ھەپتىنىڭ 2 - كۈنى گوگۇل ۋەقەسى پەقەت ئايرىم بىر ئىش، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋىتىش سىياسىتىگە ۋە بازار يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دېدى. بىراق، غەرب كارخانىچىلىرى،گوگۇل ۋەقەسى ئامېرىكا، ياۋرۇپا شىركەتلىرى بىلەن كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا ئىتايىن چۇڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، ئېنىق ئېيتقاندا غەرب شىركەتلىرى بېيجىڭغا زەربە بېرىشكە باشلىدى"، دەپ كۆرسەتتى.

گېپىمىزگە كېلەيلى، دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت يالغۇز سودا - تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. دۆلەتلەر ئارا سودا - تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا دائىم دېگۈدەك كاپالەت قىلالمىغاندەك، دۆلەت بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر نىڭ مۇقىملىقىغىمۇ ھەمىشە دېگۈدەك كاپالەت قىلغىلى بولمايدۇ.

دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا - تىجارى مۇناسىۋەتلەر، دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ سوئال قويغاندىن كۆرە، ئاۋۋال دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، سودا تىجارى مۇناسىۋەتلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ سوئال قويۇش كېرەك. چۈنكى، ماتېرىيالىزىمچىلار ئېيتقاندەك، سىياسەت ئىقتىسادنىڭ مەركەزلەشكەن ئپادىسىدۇر.

"خەلقئارا سىياسەت باشقا ھەر قانداق سىياسەتلەرگە ئوخشاش ھوقۇق قوغلىشىدىغان كۈرەشتۇر. خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھوقۇق خەلقئارا سىياسەتنىڭ بىۋاستە نىشانى بۇلۇپ قېلىۋېرىدۇ"[ " دۆلەتلەر ئارا سىياسەت" ئاپتور ى مورگان تەۋ - ئامېرىكا ]

يېقىندىن بېرى "ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتىش" ياكى "10يىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش" دەيدىغان گەپ - سۆزلەر خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. 2008 - يىلى 1 - ئايدا خىتاي كۆرەڭلىرى ئاتموسفېرادىكى سۈنئىي ھەمراھنى راكېتا بىلەن ئۇرۇپ چۈشۈرۈپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغاندەك بولدى. كونا گەپنى تەكرارلىساق،كوپېنھاگېن يىغىنىدا جۇڭگولۇق كۆرەڭلەر ئۆزىنى كۆرسىتىپ، يىغىننىڭ نىزامنامە ئىمزالىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. پرېزىدېنت ئوباما ھۆكۈمىتى بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئشقا سېلىپ 2009 - يىلى بىر يىل دېگۈدەك، جۇڭگو، ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنىڭ كويىدا ھەتتا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەشنىمۇ سۇسلاشتۇرۇپ قويدى. بۇنداق ئاقىلانە سىياسەتكە جاۋابەن خۇجىنتاۋ، 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە "جۇڭگو، ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا " پرېزىدېنت ئوباماغا ھەيدەكچىلىك قىلغان.

نېمە بولدى؟ پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا ھەتتا دالاي لامانى قوبۇل قىلىشنىمۇ كېچىكتۈرۈپ، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى سۈركىلىشنىڭ دوقمۇشىغا كېلىپ قالدى. يېقىندا پرېزىدېنت ئوباما "ئامېرىكا ھەرگىز 2 - دۆلەت بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەندە، بۇ جاۋاب پرېزىدېنتنىڭ ئېھتىمال خىتاينىڭ كۆرەڭلىكىگە قايتۇرغان جاۋابى بولسا كېرەك.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" ئاخىرىدا " چەتئەللىكلەر جۇڭگودا سودا - تىجارەت قىلىشى مۇمكىن. بىراق،سىياسى سىستېمىغا پۈكۈلۈپ تازىم قىلىشنىڭ، نېمە دېسە ھەئە، ماقۇل دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ئوبزورىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.