«ھالقىما تەرەققىيات» دېگەن زادى قانداق مال؟

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مەركىزى كومىتېتى قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت تۈزۈپ چىقىپ ئۇيغۇرىستان ۋە تىبەتتە ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.03.15

مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دەپ ئاتاشتى.

خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا يۈرۈش قىلدى. شۇ ئارىلىقتا «ھالقىما تەرەققىيات» دەيدىغان بىر ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقتى.

تەرەققىيات-تەرەققى قىلىش ھوقۇقى ب د ت نىڭ «تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى» دا قەيت قىلىندى ۋە بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىمزا قويغان «ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت تەرەققىيات ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى» دىمۇ قەيت قىلىنغان ھوقۇقلار ئىدى.

تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى تارتىپ ئالغىلى بولمايدىغان نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقتۇر؛ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئاساسىدا دۆلەت، مىللەت كوللېكتىپى ۋە شەخسىيلەر بەھرىمەن بولىدىغان، ئىقتىساد، سىياسىي،مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. شەخس ئۈچۈن ئېيتقاندا قاتنىشىش ۋە ئارىلىشىش ھوقۇقى بولۇشى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەتلىرىنى بەلگىلەشكە قاتنىشىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھوقۇقى ۋە تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىمۇ بولۇشى كېرەك. تەرەققىيات ھوقۇقى مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەكرارلاۋاتقان «ھالقىما تەرەققىيات» بىزنىڭ يۇقىرىقى تەبىرلىرىمىزگە تۈپتىن قارىمۇ-قارشى، مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكىمۇ قارىتىلمىغان، ئۇيغۇر شەخسلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغىمۇ قارىتىلمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىيەت ئالدىدىكى ھوقۇقلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدىغان، كونا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قۇلاققا ياقمايدىغان سىياسىي شوئارلىرىنىڭ يەنە بىر خىلىدۇر.

«ھالقىما تەرەققىيات» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا چىقىرىلغان جەڭگىۋار چاقىرىق بولۇپ، بۇنداق تەرەققىيات ئۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. مەسىلەن، ئۆلكە بىلەن ئۆلكىنىڭ مەمۇرى ھوقۇقىنىڭ دائىرىسى، دەرىجىسى ئوخشاش بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئادەتتە ئۆلكىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولالايدۇ، بىراق، 28 ئۆلكىنىڭ رەئىسلىرى ھە دېگەندە بۇنداق ھوقۇققا ئېرىشەلمەيدۇ. بىر ئۆلكە ئىككىنچى بىر ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ. شۇنداقلا بىر ئۆلكىنىڭ ئىككىنچى بىر ئۆلكىگە كۆچمەن يۆتكەش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ. بىر ئۆلكىنىڭ ئىككىنچى بىر ئۆلكىنى تالان-تاراج قىلىش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ.

نۆۋەتتە رېئاللىق يۇقىرىقىدەك بولۇۋاتامدۇ؟ خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ئىقتىسادى جەھەتتە، ھەتتا مەدەنىيەت جەھەتتە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ھاكىمىيىتى ھەربىي ۋە ساقچىنىڭ كۈچى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلدى. 19ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇرىستاندا كان ئېچىش ھوقۇقى، شىركەت قۇرۇش ھوقۇقى، بوز يەر ئېچىش ھوقۇقى، ئۇيغۇر-قازاقنىڭ يايلاقلىرىنى تارتىپ ئېلىش ھوقۇقى، كۆچمەن يۆتكەپ كېلىش ھوقۇقى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھالقىپ چىقىش، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى ئۆلكە دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىش، ئۆلكە دائىرىسىدىكى تەرەققىيات چۈشەنچىلىرىدىن ۋە تەرەققىيات پىلانىدىن ھالقىپ چىقىش، ئىچكىرى خىتايدىكى ئۆلكىلەرنىڭ چېگرالىرىدىن ھالقىپ چىقىش، ھالقىپ چىقىشنى « ھالقىما تەرەققىيات» ئۇقۇمى ئارقىلىق نىقابلاپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرىستانغا كۆچۈپ كىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش مانا بۇ خىتاي توۋلاۋاتقان « ھالقىما تەرەققىيات»نىڭ مەزمۇنى ۋە مېغىزىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.