ھاۋاي يىغىنىدا نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
2011.11.16
20-ئەسىر ئامېرىكا ئەسىرى بولغاندەك، 21-ئەسىرنىڭمۇ ئامېرىكا ئەسىرى بولىدىغانلىقى بەر ھەقتۇر.
«ئەركىن سودا كېلىشىمى» ئەڭ ئاۋۋال 2005-يىلى سىنگاپور، يېڭى زېللاندىيە، چىلى، بىرونى قاتارلىق دۆلەتلەر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى دائىرىسىدە ئىمزا قويغان، كۆپ تەرەپلىك، ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىدى. دەسلەپتە بۇ ئىش ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان ئىدى. پرېزىدېنت ئوباما ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن «ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىپ كەلگەن» لىكىنى جاكارلىدى. كونكرېت بىر قەدەم سۈپىتىدە ئامېرىكا، 2009-يىلى «ئەركىن سودا كېلىشىمى» ئىمزالاش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ كېلىشىمگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سانى 9 غا يەتتى. ئەگەر بۇ كېلىشىمگە ياپونىيىمۇ قاتنىشىدىغان بولسا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىللىق مىللىي دارامىتى 22 تىرىليون 3 يۈز مىليارد بولىدۇ. دۇنيا سودىسىنىڭ 35.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ ئەڭ بۈيۈك ئەركىن سودا رايونىغا ئايلىنىدۇ.
ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ئاسىيادا چوڭ دۆلەت ئاتالغان خىتاي، ئۆزىنىڭ نەزىرىدە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاي، بۇ كېلىشىمنىڭ سىرتىغا قېقىپ چىقىرىۋېتىلدى. خىتاينىڭ سانائەت مىنىستىرى بۇ جيەنخۋا، ھازىرغىچە ھەر قانداق بىر تەشكىلات ياكى ھەر قانداق بىر دۆلەت خىتاينى بۇ كېلىشىمگە تەكلىپ قىلمىدى دەپ كۆرسەتتى. كېلىشىمنىڭ تەلەپ ۋە شەرتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇغاندا خىتاينى چەتكە قاقىدىغان پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مۇھىت ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىش مەسىلىسى، خىتايغا قارىتىلدى، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىنى ئۈمىد قىلىش خىتايغا قارىتىلدى. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر تاۋار ماللىرىنى ئالدى-ساتتى قىلغاندا ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىدا، سودا-تىجارەت شەكلىدە ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىش، ئېنىقكى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرىگە قارىتىلدى.
ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا 2009-يىلى كېلىشىمگە قاتناشقاندىن كېيىن، بۇ كېلىشىم باشقىلار تەرىپىدىن «جۇڭگونى چەكلەشكە قارىتىلغان» دەپ قارالدى.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى: ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش تەسەۋۋۇرى بۇ قېتىمقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، دەپ كۆرسەتتى.