«ئەگەر ھەربىي ھەرىكەت بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلسا....»

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى مەلۇم تور بىتى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: ھەربىي ھەرىكەت بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلسا بۇ قاراپ تۇرۇپ «ئىنسانىي ئەخلاق» نى دەپسەندە قىلغانلىق...

0:00 / 0:00

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى مەلۇم تور بىتى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى بىلەن كۆرۈشۈپ لىۋىيە مەسىلىسىدە توختالغاندا:...خىتاي تەرەپ لىۋىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئۆكۈنىدۇ. بىز خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىنى قارار ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىپ، بومباردىمان قىلىشنى توسۇپ ئاۋامنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ھەربىي ھەرىكەت بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلسا بۇ قاراپ تۇرۇپ ئىنسانىي ئەخلاقنى دەپسەندە قىلغانلىق... مۇرەككەپ زىددىيەتلەرنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...دەپ كۆرسەتتى.

ھازىر دۇنيادا لىۋىيە مەسىلىسى دەيدىغان بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇشبۇ دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بوسىنىيە مەسىلىسى، كوسوۋو مەسىلىسى، شەرقى تېمۇر مەسىلىسى دەيدىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا، بۇ مەسىلىلەرگە خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ھەتتا ئەسكەر چىقىرىپ قورال ئىشلەتكەندە مەسىلىلەر تىزلا ئوڭۇشلۇق بىلەن ھەل بولدى. بوزەك-بوزەك بولۇۋەرمىدى، نوچى-نوچى بولۇۋەرمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت شۇ چاغدا دۇنياۋى ئادالەتنىڭ بۇ دەرىجىدە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىنتېرناتسىئونالىزملىق بۇرچنى ئادا قىلغانلىق، دەپ ئالقىشلىدى.

خۇددى شۇنىڭدەك، كوسوۋو مەسىلىسىگە ئوخشاش بىر مەسىلە 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تىبەتنىڭ لىخاسا شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا، خەلقئارا مۇخبىرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن باشقا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ۋەقەگە ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، شەرقى تېمۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش بىر مەسىلە 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىرغىن قىلىندى، قولغا ئېلىندى، ئىز ‏-دېرەكسىز غايىب بولدى. بۇ ۋەقەگىمۇ خەلقئارا مۇخبىرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن باشقا، خەلقئارا جەمئىيەت ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلمىدى.

29-كۈنى لوندوندا لىۋىيە مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئېچىلدى، ئەمما ئۇيغۇرىستان ۋەقەلىرى ۋە تىبەت ۋەقەلىرى توغرىسىدا ئەينى چاغدا ھېچقانداق بىر يەردە خەلقئارا يىغىن ئېچىلمىغان ئىدى. لىۋىيە توغرىسىدا بىخەتەرلىك كومىتېتى ئەسكەر چىقىرىپ ئارىلىشىشنى قارار قىلدى، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر لىۋىيىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى. ئەمما، ئۇيغۇرىستان ۋەقەلىرى، تىبەت ۋەقەلىرى ئەينى چاغدا ھېچقاچان بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قويۇلمىغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئەلا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە ئىدى-يا!

تەڭلىك، باراۋەرلىك ئۈچۈن توۋلاۋاتقان دۇنيانىڭ، ھەر قانداق مۇمكىنلىك ئىچىدە تىبەت بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇ دەرىجىدە تەڭسىز مۇئامىلە قىلىشى نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟! ئۇيغۇر بىلەن تىبەت يەر شارىنىڭ ئادەملىرى ئەمەسمىكىنە؟ دۇنيانىڭ شەرقى تېمۇرغا ۋە لىۋىيىگە قوللانغان پوزىتسىيىسى ئۇيغۇر بىلەن تىبەتكە ماقۇل بولمامدىكىنە؟!

خۇ جىنتاۋ لىۋىيە مەسىلىسىنى قورال ئىشلەتمەي تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنداقتا خۇ جىنتاۋ، خۇددى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تىبەت بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى باستۇرۇش يولى بىلەن ھەل قىلغىنىدەك، لىۋىيە مەسىلىسىنى كازافىينىڭ ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتامدۇ؟ يەنى خۇ جىنتاۋ كازافىينىڭ لىۋىيە خەلقىنى باستۇرۇشىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يول قويۇشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتامدۇ؟

خۇ جىنتاۋ، ئەگەر ھەربىي ھەرىكەت بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلسا، بۇ قاراپ تۇرۇپ ئىنسانى ئەخلاقنى دەپسەندە قىلغانلىق دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەپ قوماندانلىرى گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 2008-يىلى لخاساغا، 2009-يىلى ئۈرۈمچىگە ئىچكىرى خىتايدىن ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى، لخاسادا تىبەتلەرنى قىرغىن قىلىپ، جىددىي پەيتتە چېگرا رايونلارغا ھەربىي يۆتكەشنى مەشىق قىلدى دېسەك، شۇ چاغدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنسانى ئەخلاقى نەگە كەتكەن دەپ سوئال قويۇشقا بولامدۇ-يوق؟

كازافىي لىۋىيىدە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋىيىدە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلغانلىقىنى دۇنيا ئەھلى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئالقىشلىدى.

2008-يىلى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى لخاسادا قىرغىن قىلغان خەلق تىبەت خەلقى ئىدى، 2009-يىلى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۈرۈمچىدە قىرغىن قىلغان خەلق ئۇيغۇر خەلقى ئىدى. ئۇ خەلقلەر خىتاي ئەمەس ئىدى. خىتاي ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىلىرىدە قىرغىنچىلىق قىلدى. ئەمما لىۋىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر بىلەن تىبەتنىڭ ئىشى ئىنتايىن ئېغىر ئىش ئىدى.