تەقدىم قىلىش ھەر يىلى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.
دۆلەت مەجلىسى «نورمال سودىدا ئەبەدى ئېتىبار بېرىش»نى مۇھاكىمە قىلغاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىنى شەرت قىلاتتى. خىتاي دۆلىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن «سودىدا ئېتىبار بېرىش» توغرىسىدا دۆلەت مەجلىسى ھەر يىلى مۇھاكىمە قىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى پاش قىلىش ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغان بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېنىكلەپ قالدى، بار كۈچ بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ خاراكتېرى نېمە؟ ئېغىر سانائەتنى ئاساس، يېنىك سانائەتنى قوشۇمچە قىلامدۇ ياكى مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساس ياكى ئۆي-ئىمارەت تىجارىتىنى قوشۇمچە قىلامدۇ. قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادى باشقا ساھەلەرنى تاشلىۋېتىپ ئۆي -ئىمارەت تىجارىتىنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بىراق تور بەتلىرىدە ھەر كۈنى ئۆي-ئىمارەت تىجارىتى توغرىسىدا گەپ، مال باھاسى توغرىسىدىلا گەپ ۋە پۇل پاخاللىقى توغرىسىدىلا گەپ بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
يېقىندىن بېرى خىتاي رەھبەرلىرى ھە دېسىلا ھەرقانداق سورۇندا پۇل پاخاللىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىقتىساد ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلاپ كەلمەكتە. ۋېن جياباۋ يىلنىڭ بېشىدىلا بۇ يىللىق ۋەزىپىمىز مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش دەپ كۆرسەتكەن.
ئىقتىسادشۇناس ليۇ جېڭشەن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا سۆزلەپ: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۈملىدىن ئۆي-ئىمارەت باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مال باھاسىغا دىققەت قىلىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتتى، دەپ كۆرسەتتى. نېمە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنسىرەۋاتامدۇ؟
ئۆي-ئىمارەت باھاسى بولسۇن، مال باھاسى بولسۇن، مەمۇرى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش خىتايدا نۆۋەتتە بىردىن-بىر ۋاسىتە بولۇپ قالدى.
رويتىرىس ئاگېنتلىقى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر تەرەپتىن تارقىتىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن بىلىۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئىچكى، تاشقى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىپ، ماكرولۇق تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشكە بېسىم پەيدا قىلدى دەپ كۆرسەتتى.
بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاۋ شاۋ ئەپەندى: جۇڭگودا ئۆي-ئىمارەت باھاسى مەسىلىسى مال باھاسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىشىدىنمۇ ئېغىر، تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغىنى، مەملىكەت بويىچە 70 شەھەردە 100.13% ئۆرلەپ كەتتى. زور كۆلەمدە ئۆرلەپ كېتىش بېيجىڭ شەھىرىدە 40%tin ئېشىپ كەتتى، دەپ كۆرسەتتى.
ئۆي-ئىمارەت تىجارىتىگە باغلىنىپلا قالغان خىتاينىڭ ئىقتىسادى نۆۋەتتە ئۆي-ئىمارەت تىجارىتىنىڭ باھاسىنى تىزگىنلىيەلمىدى. پەقەت مەمۇرى بۇيرۇقتىن ئىبارەت بىرلا ۋاسىتىگە تايىنىپ قالدى.
ئەخلاق ۋە قانۇننىڭ كاپالىتىگە ئېرىشەلمىگەن رىقابەت، ھوقۇقنىڭ بازارغا كىرىشى ۋە ھوقۇقنىڭ كاپىتالغا ئايلىنىشى، ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلالماسلىق، يەر سېتىۋېلىش، ئۆي-ئىمارەت سېلىش ۋە تەمىنلەش ئوتتۇرىسىكى زىددىيەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى، خىتايدا ئۆي-ئىمارەتنىڭ باھاسىنى تۇراقسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. باھاغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئادەتلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى شۇ گەپنىلا قىلىدىغان بولۇپ قالدى.