كەلپىن ناھىيىسى تاغلىق، تېتىر يەرلەر ئاز، سۈيى كەمچىل، تېرىلغۇ يەرلەر كەمچىل، نامرات بىر ناھىيە ئىدى.
قالما كەنتىدە دېھقان خالىق توختى ئىككى مو چىلانلىق بېغىنى چىلان سودىگەرلىرىگە ھۆددە بېرىپ، ھۆددە پۇلىدىن سىرت 5-6 مىڭ يۈەن كېرىم قىلغان ئىمىش. چىلان كۆچىتى قويۇپ چىلاندىن ھوسۇل ئالىدىغان خالىق توختى نېمىشقا ئۆزى چىلان سودىگەرچىلىكىنى قىلماي چىلاننى ھۆددىگەرلەرگە ھۆددە بېرىدىغان بولۇپ قالدى؟ ھۆددىگە بېرىش دېگەن قانداق نېمە ئۇ؟ خىتاينىڭ يېڭى يېزا سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى تېرىلغۇ يەرلەرنى، مېۋىلىك ھوسۇللۇق باغلارنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىن ھۆددە بېرىش ۋە ھۆددە ئېلىش شەكلىدە تارتىپ ئېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ھۆددىگە بېرىش ۋە ھۆددىگە ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا «تېرىلغۇ يەر ئوبوروت» دەيدىغان بىر سىياسەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ. بۇ، يەرنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرنى ئوبوروت قىلىدىغان ئىشمۇ ياكى يەردىن چىقىدىغان ھوسۇلنى ئوبوروت قىلىدىغان ئىشمۇ تازا بىلگىلى بولمىدى. لېكىن، بۇ سىياسەت بويىچە، تېرىلغۇ يەرنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ ھۆددە بېرىش شەكلىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش « تېرىلغۇ يەر ئوبوروتى» سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى بولسا كېرەك.
مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا يۆتكىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى كېلىپلا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ياكى ئاۋۋال كەلگەن خىتايلار تەييارلاپ قويغان پايدىلىنىشقا بولىدىغان تېرىلغۇ يەر يوق. خىتاي كۆچمەنلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ پەقەت بىر يول-ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تارتىپ ئېلىش، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۆددە بېرىش، مانا بۇ خىتاي رەڭۋازلىقىنىڭ سىياسەت ساھەسىدىكى، بولۇپمۇ ئاتالمىش يېڭى يېزا سىياسىتى ساھەسىدىكى ئىپادىسىدۇر.
ھۆددىگە بەرگەندە ۋە ھۆددىگە ئالغاندا، خىتاي كۆچمەنلىرى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھۆددىگە ئالغان بولىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ئۇيغۇر دېھقانلىرى نېمە ئىش قىلىدۇ؟! قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنامدۇ؟ نەدە ئۇنداق ئوڭاي ئىش بار ئىكەن؟ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېلىپ بەرگەنلىك، تېرىلغۇ يەرلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ فېئوداللىق قورۇق (جۇاڭيۇەن) پەيدا قىلىپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قۇل قىلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر.
ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قورۇقلىرىدا ئىشلەيدىغان قۇللارغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاۋۋال يەرگە خوجايىنلىق قىلىش ئېڭىنى يوقاتقاندىن باشقا، ئادەم بولۇشنىڭ دەسلەپكى شەرت-شارائىتلىرىدىنمۇ ئايرىلغان بولىدۇ، ئۆزىگە ئۆزى ئىشىنىشنى شەرت قىلىدىغان ئادىمىيلىك خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى بىر كەمبەغەل ناھىيە كەلپىندە مۇشۇنداق سىياسەتنى يولغا قويغان بولسا، غۇلجا ۋىلايىتىگە ئوخشاش باي ئۇيغۇر ئۆلكىلىرىدە يەنە قانداق سىياسەتلەرنى يولغا قويغاندۇ؟