ئامېرىكا «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» مۇ؟

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەھكىمىسى يېقىندا 2010-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، كۆپ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ بىر قىسمىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى توغرىسىدا توختالغاندا ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارىلەر كەسكىنرەك بولدى، توختالغان ساھەلەر كەڭ دائىرىلىك بولدى. مەسىلەن، تۈزۈك سوت قىلماي ئۆلۈم جازاسى بېرىش-ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، سىياسىي جىنايەتكىمۇ، ئىجتىمائىي جىنايەتكىمۇ جازا بەرگەندە ئوخشاشلا ئېغىر سالماقنى ئىگىلىدى. خالىغانچە قولغا ئېلىش-ئۇيغۇرلارغىلا قوللىنىدىغان بىر چارە دېيىشكە بولىدۇ. تۇيۇقسىز غايىب بولۇش-يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان قولغا ئېلىش شەكلى. جازا قوراللىرىنى ئىشلىتىپ قىيىن-قىستاققا ئېلىش. خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان جازا قوراللىرىنى ئىشلىتىش خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن بولىدۇ. خىتاي ئۆزى ياسىۋالغان جازا قوراللىرى بىلەن جىنايەتچىلەرنى قىينىغاندا ئادەم ئۇدۇنيا، بۇ دۇنيا بولۇپ كېتىدۇ. مەجبۇرلاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ خىتايچە ئۇسۇللىرىنى ھازىرقى كۈندە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئادالەتسىز ئەدلىيە-سوت ئورگانلىرىنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى تور بەتلىرى كۈندە تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە بالىلارغا، مېيىپلارغا ئايرىمىچىلىق قىلىش-ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەت مىللەتچىلىك، مېيىپلارغا قارىتىلغان سىياسەت خىتايچە رەھىمسىزلىكتۇر. مۇشۇ خىل مەزمۇنلار ئۈستىدە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتى خەلقئارا نىزامنامە ۋە قائىدە-يوسۇنلارنىڭ روھىغا ئۇيغۇن دوكلات ئىدى.

بىراق، 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ب ب س، بېيجىڭنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېنىڭ باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئامېرىكا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىۋالسۇن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىشنى توختاتسۇن» دېدى دەپ كۆرسەتتى.

ھۆرمەتلىك باياناتچى ئەپەندىم، بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى دېگەن زادى نېمە گەپ؟ ئەگەر خىتايمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش خەلقئارا نىزامنامىلەرگە ئاساسلىنىپ مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئاساسلىنىپ، دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى يولغا قويىدىغان بولسا، بۇ يەردە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشتى، دەيدىغان گەپمۇ بولمايدۇ. مۇبادا خىتاي ئۆزى قول قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىككى تۈرلۈك قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان، تىبەتلەرگە، ئۇيغۇرلارغا تەتبىق قىلىدىغانلا بولسا ئامېرىكا، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى، دېگەن گەپمۇ ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. قېنى خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ ئىشلارنى قىلالامدۇ؟

ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش مەسىلىسى مۇنداق بولىدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتى ۋيېتنامنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغانمۇ، بەلكى سابىق سوۋېتلەرنى ئارقا تېرەك قىلىپ ئارىلاشمىغانمۇ؟ ھازىر خىتاينىڭ كوممۇنىستلار ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايۋاتامدۇ؟!

مانا بۇنداق ئارىلىشىشنى ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش دەپ ئاتايمىز. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىسۇن دېگەندە، يۈزى قىزارمايدىغان، بەلكى تارىخنى ئۇنتۇپ قالغان بىر باياناتچى ئىكەن-بۇ!

1946 -يىلى باھار كۈنلىرىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئارمىيىسى مانجۇرىيىدە ئۈزۈل-كېسىل تارمار بولۇشنىڭ گىرۋىكىگە يىتىپ كەلگەندە، پرېزىدېنت تۇرۇمەننىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى گىئورگى مارشال، جياڭ جېشىغا ھەل قىلغۇچ بېسىم ئىشلىتىپ، جياڭ جېشىنى مانجۇرىيىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئارمىيىسىنى قوغلاپ يوقىتىش ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىغان. ھەتتا ئۇرۇش توختىتىشنى 4 ئايلىق ۋاقتقا سۈرۈپ، شىمالىي مانجۇرىيىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا جياڭ جېشىغا بېسىم ئىشلەتكەن. (ماۋ زېدۇڭ توغرىسىدا بىلىنمىگەن ھېكايىلەر)

ئامېرىكا شۇ چاغدا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا نېمىشقا ئارىلاشتى؟ خىتايدا ئىچكى ئۇرۇش قوزغالمىسۇن، بىر مىللەت ئىككى پارتىيىگە بۆلۈنۈپ، بىر-بىرىنى قىرغىن قىلمىسۇن دەپ ئارىلاشقان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ باياناتچى بۈگۈن، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، دېدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دەيدىغان خەلقئارا قائىدىلەر بويىچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قىلمىشلىرىنى دوكلاتقا ئايلاندۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتكە پاش قىلغاندا، ئامېرىكا زادى نېمە خاتاغا يول قويۇپتۇ. شۇنداق قىلغاندا ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بولۇپ قالامدىكەن؟