ئۇ بولسىمۇ پۇل قەرز مۇئامىلە كرىزىسى ۋەھىمىسىدۇر. بىراق كوممۇنىزم ۋەھىمىسى ياۋروپاغا ئارتۇقچە ئاپەت ئېلىپ كەلدىكى، بەخت ئېلىپ كېلەلمىدى. ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپقاندەك، ئاز-تولا ئاۋارىچىلىكلەردىن كېيىن ياۋروپا يەنىلا كونا ياۋروپاغا قايتىپ كەلدى. كوممۇنىزم ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيىگە كېلىپ بىر زامان يەرلىشىپ، ئاخىرى ئاسىيادىكى خىتايغا يەرلەشكەندەك، بۈگۈن ياۋروپانى ئارىلاپ يۈرگەن پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىمۇ، ئاسىيادىكى خىتايغا كېلىپ يەرلىشىدىغاندەك قىلىدۇ.
خىتايدا، پايچەك بازىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى، ئىسىتراخىۋانىيىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى، بانكا نازارەت كومىتېتى قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار بىر كېچىدە ئالماشتۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق خىتاي پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنى قوغداش جېڭىگە تەييارلىق قىلماقچىمۇ؟ كونا باشلىق بىلەن يېڭى باشلىقنىڭ پەرقى نەدە؟ ئوخشاشلا ھەممىسى سىياسەتنى ئىجرا قىلىدىغۇ، يامان پەيت يىتىپ كەلگەندە، باشلىقنىڭ كونىسى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ئاقمايدىغان سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقا قارشىلىق كۆرسىتىشى مۇمكىنمۇ؟ شۇڭا باشلىقلار ئالماشتۇرۇلدىمۇ؟
قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 3 خىل سىياسەت بەلگىلىدى. 1-پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلارنى ئالماشتۇردى. 2-يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ زايوم تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلدى. 3-تېررور ئۇقۇمىغا ئۆزىچە تەبىر بەردى. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك، يەرلىكنىڭ قەرز قايتۇرالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، يالغۇز ئۇيغۇر ۋەتىنىدىلا ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ھەر قانداق جايىدا زوراۋانلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك 3 مەسىلە، بۈگۈنكى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىيەتلىك ئىپادىسى بولۇپ قالدى.
ۋەنۋىي ئوقۇرمەنلەر تور بىتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان «گرېتسىيىنى ئۇنتۇپ كېتىڭلار، جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادىدا تېخى پارتلىمىغان بومبىغا ئايلىنىپ قالدى»ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، «يىل كىرگەندىن باشلاپ جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ سەركىسى بولۇپ كەلگەن، جۇڭگو ماھىيەتتە بىر غەيرىي تۆرەلمە بولۇپ، مەسىلە جۇڭگودا يېقىندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېيىلدى.
خىتاينىڭ ئۆي-ئىمارەت ماغزاپ تىجارىتى ئاخىرى يىمىرىلدى. ئەمدىلىكتە ئۆي-ئىمارەتنىڭ باھاسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. مەملىكەت بويىچە 70 چوڭ شەھەرنىڭ 46 سىدە ئۆي-ئىمارەتنىڭ باھاسى چۈشۈشكە باشلىدى. ئاۋۋال قىممەت باھادا ئۆي-ئىمارەت سېتىۋالغان كىشىلەر ماجىرا چىقىرىپ باھادىكى پەرقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى.
خىتايدا پۇل ئامانەت ساھەسىدىمۇ ماغزاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. قەرز بېرىش 7 تىرىليون، 8يۈز مىليارد يۈەنگە يىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپانىڭ ئومۇمىي كۆلەملىك قەرزىدىن، 1ھەسسە باراۋىرىدە ئېشىپ كەتتى، دەپ كۆرسىتىلدى خەۋەردە.
بىر پارچە دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى خىتايدا پۇل ئامانەتكە مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە يوق دېيىلدى. خىتاي بانكىلىرى ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ساھەدە پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ، يالغان ھېسابات قىلىنىپلا قالماستىن، ھەتتا پۇلنىڭ قەيەرگە كەتكىنىمۇ ئېنىق ئەمەس.
يۇقىرىدا بېرىلگەن ئامانەت قەرزنىڭ يېرىمى دېگۈدەك دەپتەرگە يېزىلمىغان. نەگە كەتتى بۇ پۇل؟ بۇنىڭغا جاۋاب يوق.
خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا: «جۇڭگودا ۋەزىيەت 3 ئاي بىلەن 6 ئاي ئىچىدە پارتلىشى مۇمكىن.... جۇڭگودا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى تەرەققىيات 5 يىل ئىچىدە پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى يېتىلەپ كەلگەن ئىدى... بۇ قېتىم جۇڭگودا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلايدىغانلا بولسا، نېمە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ بۇ سوئالنى سورىغۇچى بولماڭلار ! چۈنكى ئاقىۋەت ئىنتايىن قورقۇنچلۇقتۇر» دەپ كۆرسىتىلدى.