كوللېكتىپنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سانائەتنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور لاڭ شەنفىڭ يېقىندا شىنياڭدا جۇڭگو سانائىتى كرىزىسى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: پاكىتلىق سان بىلەن كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتقان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى 9% ئۆسۈۋاتقىنى يوق، ئەكسىچە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى 10% تۆۋەنلەپ كەتتى. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك خاراپلىشىشقا يۈزلەندى.
لاڭ شەنفىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ تۇرغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزى 36 تىرليۇنغا يەتكەن ئىدى. (لاڭ شەنفىڭ بۇ قەرزنىڭ ئىچكى قەرز ياكى تاشقى قەرز ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىدى) لاڭ شەنفىڭ يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: ئەگەر گرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزى بىلەن سېلىشتۇرساق، جۇڭگونىڭ بارلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى قەرزى بىلەن ئاللىقاچان گۇمران بولغان بولىدۇ.
لاڭ شەنفېڭ جۇڭگودا سانائەتنىڭ تۈگەشكەنلىكى توغرىسىدا پاكىت كەلتۈرۈپ مۇنداق مىساللارنى كۆرسەتتى: بىر دانە يانفوننى 350 ئامېرىكا دوللىرىغا ئىشلەپچىقىرىمىز، ساتقاندا 6 يۈەن ياكى 54 يۈەن پايدىسىغا ساتىمىز. بىر دانە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىپ 132يۈەن پايدىسىغا ساتىمىز. بىر دانە توپا ئىتتىرىش تراكتورى ئىشلەپچىقىرىپ، 50 يۈەن پايدىسىغا ساتىمىز. 100مىليون پادىچىلار ئىشتىنى ئىشلەپچىقىرىپ، بىر دانە بويىن ئايروپىلانىغا تېگىشىمىز...... لاڭ شەنفىڭ شۇنداق كۆرسەتتى. ھەيران قالىدىغان ئىشقۇ-بۇ، ھەي، ئادەملەر! بۇ دۆلەت قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمدى يەنە دۇنياغا نېمىسىگە ئاساسلىنىپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ؟ بۇنداق ئاقىۋەتكە ئىنساننىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغۇ؟
...پۈتكۈل سانائەت تارماقلىرىمىز پەقەت 3% پايدىغا ئىشلەۋاتىدۇ. قان تېمىپ تۇرغان بۇنداق باھا ئالدىدا، بىز يىغلىماي كىم يىغلايدۇ، نېمە ئىلاجىمىز بار؟ دەيدۇ، لاڭ شەنفىڭ.
ئەگەر، خىتاي شۇنداق ھالەتكە چۈشكەن بولسا، بىزمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ «يىغلىشىپ» بېرەيلۇقمىكىن دەيمىنا!
1 تىرليۇن 100 مىلياردلىق زايوم سېتىۋالغان جۇڭگو؛ ئالەم كېمىسى قويۇپ بەرگەن جۇڭگو؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد دۆلىتىگە ئايلاندۇق دەۋاتقان جۇڭگو؛ 2020 -يىلى تەرەققىيات جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتىمىز دېگەن جۇڭگو، بۇ باشقا خىتايمىدۇ، لاڭ شەنفىڭنى يىغلاتقان جۇڭگو، ئەمدى بۇ قايسى جۇڭگودۇ؟
جۇڭگودا سانائەتنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى سىياسىي ئىقتىساد كەلتۈرۈپ چىقارمىدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا بۇ مەسىلە يەنىلا سىياسىي مەسىلە. لاڭ شەنفىڭ شۇنداق دېگەندە، ھۆكۈمەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سانائەتكە ئېتىبار بېرىپ، خۇسۇسى ئىگىلىككە، ئومۇمى خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىككە ئېتىبار بەرمىدى، دېمەكچىمۇ؟
تەرەققىي قىلىۋاتقان 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ پىشاڭىنى چىڭ تۇتۇش دېگەنلىك بولاتتى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىقتىساد سىياسىتىنى يولغا قويۇپ مەغلۇپ بولغانلىقى يۇقىرىقى پاكىتلاردىن ئاشكارا بولدى.