جامائەت پىكرىنى تىزگىنلەشنىڭ يېڭى قەدىمى

تەڭرىتاغ تور بىتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنداق خەۋەر قىلدى: شىنجاڭدا 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە، 12380-نومۇرلۇق پاش قىلىش تور بەتلىرى ئىشقا كىرىشتى.

0:00 / 0:00

تەڭرىتاغ خەۋىرى: «يېقىندىن بېرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈملىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاممىنىڭ پىكىر-ئىنكاس قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇش، تەدرىجىي كېڭەيتىش ئۈچۈن 2010-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 12380-نومۇرلۇق پاش قىلىش تور بېتىنى ئېچىۋېتىش ئاساسىدا پۈتۈن شىنجاڭدا 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە تەشكىلات بۆلۈملىرىدە 12380-نومۇرلۇق پاش قىلىش تور بېكىتى يولغا قويۇلدى. بۇ شىنجاڭدا تەشكىلات بۆلۈملىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئارا ئەرز-شىكايەت، تېلېفون، تور بېتى ئۈچ تەرەپ بىر گەۋدىلەشكەن پاش قىلىش خىزمەت تورىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.» خەۋەر شۇنداق يېزىلدى. ئۇنداقتا، پاش قىلىش تور بېتىدىن تەشكىلات بۆلۈمىلا پايدىلىنامدۇ ياكى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىمۇ پايدىلىنامدۇ، بۇ توغرىدا خەۋەردە بىر نېمە دېيەلمىدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ساھەلىرىدە تەكىتلىنىۋاتقان، سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئايرىم ئەھۋاللاردا مەزمۇن جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى بەرھەقتۇر. مەلۇم شارائىت ئاستىدا پۇقرالار ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى خالىغانچە ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. مەسىلەن، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرگە كاپالەت قىلىش. ئەسلىدە سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى كىشىلەرنىڭ روھى جەھەتتە، بىلىش جەھەتتە جارى قىلدۇرۇشنى تولۇق پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش، دېموكراتىك سىياسەتنىڭ تولۇپ-تاشقان ھاياتى كۈچى ئىدى. خىتايدىن بۇنى كۈتۈش مۇمكىنمۇ؟

ئەگەر پۇقرالارنىڭ سۆز-ئىبارىلىرى جىنايەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئەخلاقنى بۇلغاپ جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بېرىپ يەتكەندە، سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى باش پرىنسىپى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت مۇئەييەن دائىرىدە سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە جىنايەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش دېگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ جۇڭگونىڭ قانۇنىدا جىنايەتنىڭ تۈرلىرى خىلمۇ-خىل بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ نەزىرىدە سىياسىي جىنايەت بارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر.

مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنى قاتىلغا كەڭچىلىك قىلسا قىلىدۇكى، لېكىن جىنايەت دەپ قارىغان سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز كەڭچىلىك قىلمايدۇ.

ئەمدى قارىساق، پۇقرالارغا پاش قىلىش تور بېتى ئېچىپ بېرىپتۇ. خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئۆز-ئارا نازارەت قىلىش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويماقچىمۇ؟ زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي زوراۋانلىقى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولامدىكىنە؟ بۇ ئۇيغۇرلار قايسى ھالەتتە ياشايدۇ ئەمدى. سۆز، مەتبۇئات ئەركىنلىكى بۇ باشقا بىر گەپ، ئەل ئىچىدىكى جامائەت پىكرى بۇ باشقا بىر گەپ ئىدىغۇ؟ ئەمدى بۇنىمۇ ئۆز-ئارا پاش قىلىدىغان بولسا، ئادەملەر ئېغزىنى تۇۋاقلاپ ياشىشى كېرەكمۇ ئەمدى. ئەل ئىچىدىكى جامائەت پىكرىمۇ جىنايەتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ قالدىمۇ، جۇڭگودا!؟