جەنۇبى سۇدان ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش جەريانىنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە سۇداننىڭ جەنۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش جەريانىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى. 98.83% جەنۇبىي سۇدان خەلقى جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ بىلەت تاشلىدى.
خارتۇم ھۆكۈمىتى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا جاكارلايمىزكى، ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىمىز؛ جەنۇبىي سۇدان خەلقنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىمىز؛ ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى ھەممىگە ئايان بولدىكى، جەنۇبىي سۇدان، شىمالىي سۇداندىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنىڭ يولىنى تاللاپ ئالدى... بىز ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ۋە خۇلاسىگە سادىق بولىمىز..."دەپ كۆرسەتتى.
تۈنۈگۈن رەسمىي خۇلاسە ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا سۇداننىڭ پرېزىدېنتى ئەل بەشىر ئەپەندى ئىپادە بىلدۈرۈپ: مۇستەقىللىق ئۈچۈن بىلەت تاشلاشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىمەن " دەپ كۆرسەتكەن.
جەنۇبىي سۇدان، شىمالىي سۇداندىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلىغاندا نەتىجە شۇ بولدىكى-مۇستەقىللىق!
بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بۇ ئىسىم -مۇستەقىللىق، جەنۇبىي سۇدان خەلقى ئۈچۈن ئوڭايغا توختىمىدى. شىمالىي سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇدان توپ-توغرا 20يىل ئىچكى ئۇرۇش قىلدى. ھېسابسىز قان تۆكۈلدى. ئاخىرىدا بىر ۋاراق قەغەز مەسىلىنى ھەل قىلدى.
ئۇيغۇرلار 1944-يىلى قولىغا قورال ئېلىپ يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قوراللىق ئۇرۇش ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي سودىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولدى. ئەمما، خىتايغا قارشى ئاۋۋالقى ۋە كېيىنكى چاغلاردا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ سابىق سوۋېتلەردەك ئىگىسى بولغاچقا، تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلايدىغان ۋە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان مەيداندا تۇرۇپ، 1945-يىلى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلايدىغان ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. خۇددى بۈگۈنكى جەنۇبىي سۇدان بىلەت تاشلاپ مۇستەقىل بولۇشنىڭ يولىنى تاللاپ ئالغاندەك، ئەينى چاغدا تاشقى موڭغۇلىيىمۇ ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاپ مۇستەقىل بولۇشنىڭ يولىنى تاللاپ ئالغان ئىدى. بۇ كۈنلەر شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پېشانىسىگە شۇنداق پۈتۈلگەن بولغىيمىدى ياكى باشقىلار ئوينىغان سىياسىي ئويۇنلار شۇنداق تەشكىللەنگەنمىدى. ئىش قىلىپ ئۇيغۇرلارغا شۇنداق كۈنلەر نېسىپ بولمىغان ئىدى.
ئەسلى قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بىر تاجاۋۇزچى مىللەتنىڭ، ئىككىنچى بىر مىللەتنىڭ ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، شۇ خەلقنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، بولماسلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش ئېلىپ بارىمىز دېگەنلىكى يەرلىك مىللەتنىڭ غۇرۇرى ۋە ئەخلاقىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنداق ھاقارەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بولسا، ئىشىنىمەنكى، ئۇيغۇر خەلقى بۇنداق ھاقارەتنى رەت قىلىدۇ. بىراق، ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش مۇستەملىكە مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش ياكى بولماسلىق بويىچە ئىرادىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالىدىغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ بىر خىل چارىسى بولۇپ قالىدىغان بولسا، ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقى دائىرىسىدىكى بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. پەقەت خەلق كۈرەش ئارقىلىقلا شۇنداق ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. مۇستەملىكىلەردە كۆچمەنلەرنىڭ بىلەت تاشلاش ھوقۇقى بولمايدۇ.
بۇ تۇپراق ئۇيغۇرلارغا ئاۋۋال ئاللا ھەدىيە قىلغان، ئاندىن تەبىئەت ئاتا قىلغان تۇپراقلاردۇر.