جۇڭگوغا نەزەر تور بىتى 2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى «جۇڭگو پات ئارىدا گۇمران بولىدۇ» ماۋزۇلۇق تەرجىمە ماقالىنى تور بىتىگە چاپلىدى.
......خىتاينىڭ بازارغا چىقارغان پۇلى بېسىپ تارقاتقان پۇلمۇ ئەمەس، قەزر ئالغان پۇلمۇ ئەس، بەلكى بانكا قەرز بېرىش شەكلىدە بازارغا چىقارغان پۇلدۇر. 2011 - يىلى خىتاينىڭ بازارغا چىقارغان پۇلى 17 تىرىليوندىن، 18 تىرىليونغىچە.... بۇ پۇل ئومۇمى مىللىي دارامەتتىن 1.3 پىرسەن ھالقىپ كەتكەن.» بۇ دېگەنلىك يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزارتمىغان، كىرىمدىن چىقىم ھالقىپ كەتتى دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بازارغا سالغان پۇل 2009 - 2010 - يىللىرى مىللىي دارامەتتىن 40% ھالقىپ كەتكەن.
بانكىدىن پۇل قويۇپ بېرىشنىڭ بۇ دەرىجىدە كېڭىيىشىدىن باشقا، ئىسىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنى 2 دوللار خەجلىيەلمەيدىغان خىتاينىڭ سانى 480مىليون دەپ كۆرسەتتى يازغۇچى فالكۇن سىتاك.
يازغۇچى بىر كۈندە 2 دوللار خەجلىيەلمەيدىغان خىتاينى ئېغىزغا ئاپتۇ. بىر ئايدا، ھەتتا بىر يىلدىمۇ 2 دوللار خەجلىيەلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى قانچىلىكتۇر؟!
فالكۇن مۇنداق كۆرسەتتى : جۇڭگودا مىسنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى. مىسنى زاكالەت قويۇپ بانكىدىن پۇل ئېلىشقا پايدىلانغاندىمۇ، ئۇنىڭ سىرتىدا كاپالەت بەرگەندىمۇ سان - ساناقسىز شىركەتلەرنىڭ قەرزىنى قاپلىيالمايدۇ. يەنە شۇ مىسنىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەۋىرىدىغان بولسا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۈتكۈل بىر قىسمى گۇ مران بولىدۇ. ئىقتىساد گۇمران بولغان ھامان پۈتكۈل جۇڭگو قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. )قارىغاندا، قانچىلىغان يۈەن شىكەي ۋە ماۋ زېدۇڭلار ئوتتۇرىغا چىقامدۇ - نېمە؟
يەر شارىنىڭ سىياسەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلىرى مۇشۇنداق كۈندە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشى مۇمكىن. جۇڭگودا ئاخباراتچىلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاتالمىش شىددەتلىك تەرەققىياتىنى ھەدەپ كۆككە كۆتۈرۈپ، شىددەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاستىدىكى تەۋرەشنى، ئەندىكىشنى، داۋالغۇش پەيتىدە تۇرغان ۋەزىيەتنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ.
فالكۇن سىتاك ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى :قارىغۇدەك بولساق، جۇڭگو مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولالماي قالىدۇ.... بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان جۇڭگو دا... بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ھالاك بولغاندىن كېيىن، بىر قانچىلىغان كىچىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن روياپقا چىقىدىغان بولسا، ئامېرىكا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلىسام....مېنى تىتىرەك باسىدۇ... دەيدۇ، فالكۇن سىتاك. ۋاي،غوجام قارىسىلا، سىلىنى ھەر گىز تىتىرەك باسمىسۇن، ئۇيغۇردەك مىللەتلەرنى خىتايغا قوشۇپ بىرىپ 60 يىل دوللار خەجلەپ يېتىشلا، ئەمدى ھەقاسىللىرىنىچۇ، ھەرگىز تىتىرەك باسمىسۇن! جۇڭگو ھالاك بولىۋەرسۇن!
كېلىدىغان نەرسە چوقۇم كېلىدۇ. فالكۇن سىتاك ئەپەندى. كېلىدىغان نەرسە قانداق ۋاقىتتا كېلىدۇ؟ كىشىلەر ئىشەنچىنى يوقاتقاندا، كىشىلەر ئىشەنچىنى يوقىتىپ، ھەممىدىن، ھەممىدىن بىزار بولۇپ ئۈمىدسىزلەنگەندە، دەل شۇنداق پەيتتە كېلىدىغان نەرسە چوقۇم يىتىپ كېلىدۇ، فالكۇن سىتاك ئەپەندى!!!