ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئاچا يولغا كېلىپ قالدىمۇ؟

2010-يىلى12-ئاينىڭ 16-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا مايىل بولغان "دۇۋى " تور بېتىدە " ئامېرىكا، جۇڭگو دىپلوماتىيىسى ئاچا يولغا كېلىپ قالدى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. مۇرەسسەلىشىش"،" مادارا قىلىش" دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ، دىپلوماتىك سۆزلىشىشلەرنىڭ مېغىزى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قەيت قىلىندى ماقالىدە.

0:00 / 0:00

دۆلەتلەر ئارا قانداق مەسىلىلەر بويىچە مۇرەسسەگە كېلىشكە بولىدۇ ياكى قانداق سۆھبەت تېمىلىرىدا، قانداق مەزمۇنلاردا مادارا قىلىشقا بولىدۇ؟ دېمەك، بۇ مەسىلە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ھالقىلىق مەسىلىدۇر.

پرېزىدېنت ئوباما ھۆكۈمىتى تاشقى سىياسىتىنىڭ نېگىزلىك نىشانىنىڭ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەلگەنلىكى دۇنياغا ئايان بولغان ھەقىقەتتۇر. بۇ توغرىدا يۇقىرىدىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇشۇ ھەپتىلىك خەۋەرلەر يەنىلا جۇڭگو توغرىسىدا بولدى، كورىيىدە ۋەزىيەتلىك سىياسىي كرىزىس يۈز بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ غەربىدە ئافغانىستاندا ئۇرۇش تۇمانلىرى تېخى تارقىلىپ كەتمىدى.

"جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن تىنچ مۇھىت بولۇشى كېرەك "دەپ كۆرسىتىلدى ماقالىدە. بۇ دېگەنلىك، ئۇرۇش بولماسلىقى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرماسلىقى كېرەك، جۇڭگولۇقلار باش كۆتۈرگەندە چەتئەللىكلەر جىم تۇرۇپ بېرىشى كېرەك دېگەنلىكمۇ؟
تاشقى جەھەتتە تىنچ مۇھىت بولۇشى كېرەك ئىكەن، ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدا تىنچ، مۇقىم، مۇھىت بولۇشى كېرەكمۇ، يوق؟

2008-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقنى، 2009-يىلى ئۇيغۇرىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى؟تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى بەلكى، تەبىئەت ئۇلارغا ئاتا قىلغان تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى قوغداپ تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلدى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى دەھشەتلىك باستۇردى، قانلىق قىرغىن قىلدىغۇ؟!

كىشىلىك ھوقۇق ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ كەلدى. ئەگەر دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيىنىڭ مەنىسى "مادارا قىلىش"، "مۇرەسسەلىشىش" بولىدىغانلا بولسا، جۇڭگو، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت بۇ مەسىلە بويىچە قانداق مادارا قىلىشى ۋە قانداق مۇرەسسەلىشىشى مۇمكىن؟ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەخلاقى ئىشىنىمەنكى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە "مادارا قىلىش"قا، "مۇرەسسەلىشىش" كە يول قويمايدۇ. "ئاچا يولغا كېلىپ قالغان ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيىسى " دە ئامېرىكا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە مۇرەسسەلىشىشكە، مادارا قىلىشقا يول قويمىسا،ئۇنداقتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى قايسى دەرىجىدە يول قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ؟

ماقالىدە :" سېلىشتۇرغاندا جۇڭگودا چەن چېچىندىن كېيىن، دىپلوماتىيە ساھەسىدە كۈچلۈك بىر ئادەم چىقمىدى. ھەربىي تەرەپ قاتتىق قوللارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن سۆزلىگەن سۆزلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي پۇقرالىرى، تىنچ يول بىلەن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن جۇڭگو قانداق بىر قىياپەتتە دىپلوماتىيىلىك تاكتىكىنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن، دېگەن مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. جۇڭگولۇقلار تىنچ يول بىلەن باش كۆتۈرۈشنى ھەقىقەتەن ئارزۇ قىلىدۇ. مەسىلە سەن تىنچلىق ئىچىدە باش كۆتۈردۈڭمۇ دېگەن يەردە ئەمەس، بەلكى مەسىلە سېنىڭ تىنچ يول بىلەن باش كۆتۈرۈشۈڭنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ دېگەن مەسىلىدۇر" دەپ كۆرسىتىلدى. ئۇنداقتا كىم قوبۇل قىلمايدۇ؟

1980-يىلى جۇڭگودا ئىقتىسادى ئىسلاھات باشلاندى. شۇ يىللاردا مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرىستاننىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بارىن يېزىسىدا، ئىلى ئۆلكىسى غۇلجا شەھىرىدە، ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىقنى يولغا قويدى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، تىنچ يول بىلەن باش كۆتۈرۈش دېگەننىڭ مەنىسى نېمە، ئېيتىپ بەرسەڭلارچۇ؟ قان تۆكۈشمۇ ياكى مەنىسى زادى نېمە؟ خىتاي نېمە قىلىمەن دېسە كارى بولماي، تەھدىت، ئىغۋاگەرچىلىك سېلىشلىرىغا پىسەنت قىلماي، مۇستەملىكىلىرىدە غەيرىي مىللەتلەرنى قىرغىن قىلسا نارازىلىقىنى بىلدۈرمەي پەقەت ئامېرىكا جىم تۇرۇپ بەرسىلا، خىتاينىڭ تىنچ يول بىلەن باش كۆتۈرۈشىگە پۇرسەت يارىتىلغان بولامدۇ؟