0:00 / 0:00
شىمالى كورېيىنىڭ جەنۇبىي كورېيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ "جورج ۋاشىنگتون" ناملىق دېڭىز پىلوتى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ئارمىيىسىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىدى. رادىئومىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، مانىۋېر ئېلىپ بېرىلغان رايون سەندوڭ ئۆلكىسىگە 170 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سورىدى.