خەۋەردە «دۇنيا بويىچە ئەڭ زور خۇسۇسى پايچەك ھوقۇقى شېركىتى-خېىشى گۇرۇھى نۆۋەتتە جۇڭگودا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېتىپ، خىتاينىڭ ئۆي-ئىمارەت بازىرىدىن چېكىنىپ چىقتى، ئالىملار، چەتئەل كاپىتالى خىتاينىڭ ئۆي-ئىمارەت بازىرىغا قىزىقمىدى بەلكى ئىشەنچىنى يوقاتتى، چەتئەل كاپىتالىنىڭ چېكىنىشىنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاس قىلىشىدىن ئەنسىرەشتى، دېدى دەپ كۆرسەتتى.
تەتقىقاتچى گو شىپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خېشى گۇرۇھىدىن باشقا، ئامېرىكا شىر كەتلىرىمۇ جۇڭگودىن ئاستا-ئاستا چېكىنىشكە باشلىدى، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىشى مەسىلىسىدە جۇڭگو ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا «جۇڭگوغا نەزەر» توربېتىدە 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى «ۋىنجۇدا جازانىگە پۇل تارقىتىلىپ، خۇسۇسى كارخانىلارنىڭ تاقىلىشى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. خەۋەردە: يېقىندىن بېرى جۇڭگودا پۇل مۇئامىلە ئوبوروتى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، جازانىخورلاردىن قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرالمىغان خۇسۇسى شىركەتلەر، ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تارقىتالماي، ئاممىۋى خاراكتېرلىك نامايىشلار ئارقا-ئارقىدىن پارتلاپ، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 9 نەپەر شىركەت خوجايىنى تۇيۇقسىز غايىب بولدى، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ يىل خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى قەرز بېرىشنى تارايتىش پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپلىق خۇسۇسى شىركەتلەر نورمال تىجارەت قىلىپ يۇقىرى پايدا ئالالمىغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتلەر جەمئىيەتتىن جازانىگە پۇل ئېلىشقا باشلىدى. پايدىنىڭ ئۈستىگە پايدا دومىلىتىدىغان جازانىخورلارنىڭ بېسىمىدىن شىركەت باشلىقلىرى ياكى قېچىپ كەتتى، ياكى بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالدى.
ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەنئەنىچىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلانساق، دۇنيادا رۇس بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ سودا-تىجارەت ئەنئەنىسى يوق، بۇلار ئەزەلدىن خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، زوراۋانلىق بىلەن پۇل تاپىدىغان دۆلەتلەر دېيىلەتتى. كوممۇنىستلار سودا-تىجارەتنى، كاپىتالنى، بۇرژۇئازىيىنى ئىزىم تۈپەيلى يامان كۆرىدىلا ئەمەس، رۇس جەمئىيىتى بىلەن خىتاي جەمئىيىتى پۇل تاپقان بايلارنى سىغدۇرالمايدىغان جەمئىيەتلەر ئىدى، شۇڭا كاپىتالىزمنىڭ جەمئىيەتتە بىخلىنىشى ياۋروپا تەرەپتە پەقەت رۇسىيىدە، ئاسىيادا پەقەت جۇڭگودەك بىر چوڭ دۆلەتتە كېچىكىپ كەلگەن بىر ئىش ئىدى.
رۇسىيە كىروپوستنويلۇق جەمئىيەتتە سوتسىيالىزم قۇرغان بولسا، خىتاي يېرىم فېئودال، يېرىم مۇستەملىكە جەمئىيىتىدە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم بىلەن شۇغۇللانغان دۆلەت ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ ئىككى دۆلەتتە كاپىتالىزمغا ئورۇن يوق. چۈنكى، بۇ ئىككى دۆلەتتە كاپىتالىزمنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسلىرى يوق ئىدى. يۇقىرىدا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغان خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ تىجارىتىگە بانكىدىن قەرز ئالالمىغانلىقى، جۇڭگودا كاپىتالىزمغا ئورۇن يوق ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەندىن باشقا، بۇنىڭدىن كېيىن، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىدىغانلىقىنىمۇ تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، جۇڭگودا كوزا كۈنىدە چېقىلامدۇ؟