مىللىي مەنپەئىتى تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۆزىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇقتۇر!

مەلۇم جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەردە ئىككى خىل ھوقۇق بولىدۇ. بۇ ھوقۇقنىڭ بىرى-تەبىئەت ئاتا قىلغان تەبىئىي ھوقۇق، تەبىئىي ھوقۇق دېگىنىمىز جەمئىيەتتە مەلۇم ئورۇندا تۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇش ھوقۇقى، تەبىئىي كۆپىيىش ۋە نەسىل قالدۇرۇش ھوقۇقى، ئاخشىمى يېتىپ ئۇخلاپ، ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇش ھوقۇقى. بۇ ئەسلىدە تەبىئەت ئىنسانلارغا تەبىئىي ئاتا قىلغان تەبىئىي ھوقۇقلاردۇر.

0:00 / 0:00

بۇ ھوقۇقنىڭ ئىككىنچىسى سىياسىي ھوقۇق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى يازغان جىففىرسۇن، ئىنساننىڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى قىلىپ، تۇنجى بولۇپ ئىنساننىڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدە ھاياتلىق ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەخت قوغلىشىش ھوقۇقلىرىنى قەيت قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنساننىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى تەبىئىي ھوقۇقتۇر، ئەركىنلىك ئىنسان بولۇشنىڭ ماھىيىتىدۇر. بەخت قوغلىشىش -بۇ، ئىنسان نېمىشقا كەلدى دۇنياغا، ئىنسان دۇنيادا بەختلىك ياشىشى كېرەك دېگەنلىكتۇر.

بۇ ھوقۇقلارنىڭ ئىچىدە بىخەتەرلىك ھوقۇقىمۇ تەبىئەت ئاتا قىلغان ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بىخەتەرلىك ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق مۇئەممالىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. چۈنكى، بىخەتەرلىك ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىدۇر.

60 يىلدىن بېرىكى زۇلۇم-سىتەمنى ئاز كۆرگەندەك،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يېقىنقى يىللاردا ئۆزى تۈزگەن ئاتالمىش قانۇنلارنىمۇ بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئەتىگەندە بەلگىلىگەن سىياسىتىنى كەچتە ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارغا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشقا باشلىدى. پۈتۈن قەشقەر شەھىرىنى چېقىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇش سېلىپ، ئىچكىرى خىتايدىن كۆچمەن خىتايلارنى كۆچۈرۈپ چىقماقچى بولدى. توققۇزاق ناھىيىسىدە باغچە بەرپا قىلماقچى، بۇ باغچىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقماقچى بولدى.

ئۇيغۇرنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى، ئۇيغۇرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ئۇيغۇرنىڭ باياشات تۇرمۇش كۆچۈرۈش ھوقۇقلىرىغا خىتاي كۆچمەنلىرى ھۆكۈمىتى تەھدىت سالدى.

ئۇيغۇرنىڭ مال-مۈلكىگە تەھدىت سالدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلدى، ئاياغ ئاستى قىلدى. ھەربىر ئۇيغۇر شەخسنىڭ غۇرۇرىنى ھاقارەت قىلدى. ھەتتا ئۇيغۇرنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەھدىتىگە دۇچ كەلدى.

قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇيغۇرلار ھەرقانداق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر بولسا، قوغدىنىش ھوقۇقى خەلقئارا قانۇنلارغىمۇ ۋە ئىنسانغا تەبىئەت ئاتا قىلغان تەبىئىي ھوقۇقلارغىمۇ ئۇيغۇندۇر.

ئۇيغۇرلار يۇقىرىقىدەك تەھدىتلەرگە دۇچار بولغاندا، ئۇيغۇرلارنى قوغدايدىغان ساقچى يوق. ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۇيغۇرنىڭ قانۇنى يوق. ساقچىمۇ، قانۇنمۇ كۆچمەن خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

يېقىندا قەشقەردە ئىككى قېتىم پىچاق سېلىپ ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. ھۆكۈمەت بۇ دېلونى قانداق بىر تەرەپ قىلدى؟ گۇناھنى پىچاق سالغان ئەكبەرجانغا ئارتتىمۇ ياكى گۇناھنى پىچاق يېگەن خىتايلارغا ئارتتىمۇ؟ ئەكبەرجانلارنىڭ مەھەللىسى چېقىلدى، بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن قوغلىنىشقا مەجبۇر بولدى. خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئەكبەرجانلارنىڭ مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدى.

ئۇيغۇرلار قولىنى قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ قوغدىنىش ھوقۇقى سىنىڭ ھوقۇقۇڭ ئۇيغۇر، ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى سىنىڭ ھوقۇقۇڭ ئۇيغۇر، بۇ يەر سىنىڭ، بۇ ۋەتەن سىنىڭ ئۇيغۇر.

ماركسىزمنى پوپۇزىغا ئايلاندۇرۇپ كىشىلەرنى قورقۇتۇشقا ئادەتلەنگەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، ماركىسىنىڭ «خاھىش قوغلىشىدىغان قانۇن، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكىنى بىكار قىلىدىغان قانۇندۇر» دېگەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارمىغان بولسا كېرەك. ھازىر غەربنى ئېچىش ۋە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىش خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ خاھىشىغا ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىمۇ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ خاھىشىغا ئايلاندى. شۇڭا خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدا تەڭلىك، باراۋەرلىكتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئىتى كۆچمەن خىتايلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئىكەن، ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇقتۇر!