مىسىر ئىنقىلابى خىتاينى يېتىلەپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟
2011.02.04
2-ئەرەب ئەللىرىدە كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك دىنغا ئىشىنىدۇ...دىنغا ئېتىقاد قىلىش، مۇشۇنداق چاغدا ھەق-ناھەقنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالىدۇ... مۇخبىر زىيارەت قىلغان بىر نەپەر مىسىرلىق :" مەن مەيدانغا كەلدىم، قايتىپ كېتىدىغان نىيىتىم يوق. ھايات-ماماتلىققا ۋە ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىشقا ئاخىرغىچە قاتنىشىمەن" دېدى. خىتايدا مۇنداق دېيەلەيدىغان كىم بار دەيدۇ، - سۆزلىگۈچى.
مۇنازىرىدە سۆزلىگۈچى دېمەكچى بولدىكى، ئەرەبلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى بار، ھەق-ناھەقنى ئۆلچىيەلەيدۇ. خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادى يوق. ھەق-ناھەققە دۇچ كەلگەندە نېمە ئۆلچەم بىلەن باھالايدۇ؟
بۇ سۆز ھەقىقەتەن دەل جايىدا سۆزلەنگەن سۆز بولدى. دېمىسىمۇ، ئادەملەردە تاشقى دۇنياغا ئۆزىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە باھا بېرىدىغان، پايدا-زىيان مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، بىر ئۆلچەم بولۇشى بۇ ئۆلچەم مۇئەييەن دىنىي ئېتىقادنى ئاساس قىلىشى لازىم بولىدۇ.
ئادەملەر ئۆزىدىن تاشقىرى دۇنياغا باھا بەرگەندە، ماڭا پايدىلىقمۇ، ماڭا زىيانلىقمۇ دەپ ئۆلچەيدىغان فىراگماتىزىملىق-سۇيىئىستېمالچىلىق بىلەن باھا بېرىشكە ئادەتلەنگەندىن باشقا، جاھان ئىشلىرىغا ماددىي دۇنيادىكى ماددىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئىنكاسى، ئالاھىدە شەكلى ھېسابلانغان سىياسەتكە ئەخلاقى ۋە گۈزەللىك، ياخشىلىق، ئىزگۈلۈك ئۆلچەملىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مۇشۇ خىل ئۆلچەملەرنىڭ ئاساسى دىنىي ئېتىقادنى ۋە سىياسىي ئەخلاقى ئېتىقادنى ئاساس قىلىپ كەلگەن. مۇشۇلا بولغاچقا مىسىر خەلقى ئورنىدىن قوزغالدى.
خىتاي پۇقرالىرىغا كەلسەك، يا دىنىي ئېتىقادى بولمىسا، بۇددىزىملىق دىنىي ئېتىقادىنىمۇ 61 يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن تۇرسا ياكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا باھا بېرەلەيدىغان ئۆلچەملەشكەن ئىدېئولوگىيىسى بولمىسا، بۈگۈن خىتاي پۇقرالىرى نېمە ئۆلچەمگە ئاساسلىنىپ جەمئىيەتتىكى ھەقسىزلىقلارغا باھا بېرەلەيدۇ؟ ئەينى چاغدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى تىلغا ئالساق، ئۇ دېموكراتىيە ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب ئەمەس. ھۆكۈمەتكە قارشى كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلابمۇ ئەمەس، پەقەت پارىخور ئەمەلدارلارغا قارشى تۇرىدىغان، خىتاينىڭ ئىنقىلاب ئەنئەنىسىنى تەكرارلىغان ئىنقىلاب ئىدى خالاس.
خىتايدا پۇقرالار ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپ بولدىمۇ دەيلۇق. بۇ قۇتۇپتا ئاچ قالغان كىشىلەر بىلەن ئۇ قۇتۇپتا توقلۇققا شوخلۇق قىلىپ يۈرگەنلەرنىڭ نېمە چاتىقى بار؟ ئاڭلىشىمىزچە، خىتايدا 3 يۈز مىليون كىشى مىليونېرغا، 2 يۈز نەپەردىن ئارتۇق كىشى مىلياردېرغا ئايلىنىپ بوپتىمىش. سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇنازىرىچىلىرى 2-كۈنى چاغان بايرىمىدا بىر كىشىنىڭ 380مىڭ يۈەن خەجلەپ مېھمان چاقىرغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشىپ توغرا دەپ خۇلاسە چىقىرىشتى. مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا كۈنىدە ئىككى دوللار خەجلىيەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھالۇ-دەردىنى توغرا ياكى خاتا دەپ باھالىيالايدىغان ئۇيغۇر بار. چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئېتىقادى بار. مىسىردا ئىنقىلابقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى كۈنىدە ئىككى دوللار خەجلىيەلمەيدىغان كىشىلەر ئىدى.
بۇنىڭ خاتا ياكى توغرا ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ بېرىدىغان دىنىي ئېتىقادى بار ئىدى... بۇ قېتىم دۇنيادا ئىككىلا دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەتلىرىنى تاقىۋالدى... مىسىر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى چەكلىدى.
خىتايدا مەسىلە چىقىپ قالسا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەقىقەتنى تونۇغانلىقىدىن، جۇڭنەنخەيدە بەگلەرنىڭ ئاقىلانە بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر، خىتاينىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلما سىستېمىسىنى غەربلىكلەر بېرىپ باشقۇرۇپ بەرمەيدىغانلا بولسا، خىتايدا مەسىلە چىقسا باشقۇرالمايۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدە چىقىشى مۇمكىن. بۇ چاققا يەتكەندە، ھادىسە ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىن، پۇقرالارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. بىر دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئىنقىلابنىڭ ئىككىنچى دۆلەتكە تەسىر قىلىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. لېكىن، ئىنقىلاب ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى چۈشىنىدىغان خەلقنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھادىسىدۇر.