ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يېقىندىن بېرى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى چوڭ گېزىتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يىللىق دوكلاتىغا ھۇجۇم قىلدى. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەر قايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزدىنىشىدۇر، ئەگەر ئايرىم دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بېسىم ئىشلەتسە، ئۇنداقتا كىشىلىك ھوقۇق نىقابى يىرتىپ تاشلىنىپ يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ماھىيىتى ئاشكارىلىنىدۇ، دېيىشتى.
ماقالىدە: كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان قورال بولۇپ قالدى، دېيىلدى. بۇ گېزىت يەنە نېمە دەيدۇ: ئامېرىكا توختىماي باشقىلارنى تەنقىدلەيدۇ، باشقىلارنى چەكلەيدۇ، باشقىلار ئامېرىكىنى تەنقىد قىلسا ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، ئۆزىنى چەكلىمەيدۇ، دەيدۇ.
مېنىڭچە ئامېرىكا تەنقىدنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ، خەلقئارا ئىشلاردا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنىمۇ بىلىدۇ، ئامېرىكا ھازىرغىچە ھېچ قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگىنى يوق. ھەر قانداق جۇڭگودەك دۆلەت ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئۆزى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى جۇڭگو ئۆزى ياراتتى، ئەگەر خۇنۈكلەشتۈرگەن بولسا، جۇڭگو ئۆزى خۇنۈكلەشتۈردى. ئامېرىكا تەنقىدنىمۇ قوبۇل قىلالايدىغان دۆلەت ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە تەنقىد قىلالايدىغان دۆلەتتۇر.
«بېيجىڭ رىباۋ گېزىتى» يەنە نېمە دەيدۇ؟
«بۇنىڭ ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى كونا مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدىكى،يالىڭاچ تاجاۋۇزچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە ئارىلىشىش، كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئەلا دەيدىغان ئۇقۇملارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى تارىخى شارائىتتا ئەخلاق يۈكسەكلىكىنى ئىگىلەپ، ھۆكۈمرانلىق تىغ ئۇچىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۇزارتالايدىغان ئەپلىك قورالغا ئايلاندۇرۇۋالدى»، دەيدۇ.
مەيلى كونا مۇستەملىكىچىلىك بولسۇن ياكى يېڭى مۇستەملىكىچىلىك بولسۇن، غەرب ئەللىرى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا مۇستەملىكىچىلىكتىن ئۈزۈل- كېسىل ۋاز كېچىپ تاكى ھازىرغىچە مۇستەملىكىسىز دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان غەرب دۇنياسىدۇر.
ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەش ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ماھىيىتىنى قانداقلارچە ئاشكارىلىدى، ئېيتىپ باقسۇنچۇ «بېيجىڭ رىباۋ گېزىتى»، ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر جايىدا بىر پارچە مۇستەملىكىسى يوق. ئەگەر ئامېرىكا مۇستەملىكە قىلماقچى بولسا، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا ياپونىيىنى ئۇرۇشتىن چېكىندۈرۈپ، جۇڭگونى ئازاد قىلىپ، جۇڭگونى مۇستەملىكە قىلىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى. ئامېرىكا شۇنداق قىلدىمۇ؟ ئامېرىكا تەيۋەننى ياپونىيىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلدى، تەيۋەننى مۇستەملىكە قىلىۋالدىمۇ؟ ياق!
ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرىستاننى، تىبەتنى مۇستەملىكە قىلىپ ياتقان جۇڭگو كونا مۇستەملىكىچى ئەمەسمۇ، مەبلەغ سېلىپ ئافرىقا قىتئەسىگە يۈرۈش قىلىۋاتقان جۇڭگو يېڭى مۇستەملىكىچى ئەمەسمۇ؟