پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ياۋروپا زىيارىتى

پرېزىدېنت ئوباما، خىتاينىڭ باش شتاب باشلىقى چىن بىندېنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ياۋروپاغا زىيارەتكە چىقتى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.05.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دەۋر ژۇرنىلى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى «رېگان ئوبامانىڭ ياخشى ئۈلگىسى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئوباما بىلەن رېگان ئوخشاش بىر دەۋردە ياشىمىغان بولسىمۇ، ئوخشاش بولغان سىياسىي لاگېرغا مەنسۇپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئاۋۋالقى رەھبەرنىڭ سىياسىي پاراسىتى شۈبھىسىزكى، ئازدۇر-كۆپتۇر كېيىنكى رەھبەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ، كۆرسەتكەن.

ماقالىدە، ئوباما بىلەن رېگان بىر قانچە تەرەپلەردىن ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە. بىر قانچە قېتىم پرېزىدېنتلار زىياپىتىگە قاتناشقان دوگلاس بىرىكلى، ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان نەرسە شۇ بولدىكى، پرېزىدېنت ئوباما ئۆزىنىڭ ئۈلگىسىنى ئىزدەپ تېپىۋالدى، دېدى...بۇ ئۈلگە رېگان ئامىلى نۇرغۇن سىياسەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن...پرېزىدېنت ئوباما، مەرھۇم پرېزىدېنت رېگاننىڭ ئۇسۇلى، مېتودى بويىچە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ماقالىدە يەنە «پرېزىدېنت ئوباما، دۆلەت مەجلىسىدە، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىغا ۋە پۇقرالارغا ئىككى قېتىم دۆلەت سىياسىتى سۆزلىگەن ۋاقىتتا مەرھۇم پرېزىدېنت رېگاننىڭ ئۈلگىسى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ نۇتقىدا گەۋدىلەنگەن» دەپ كۆرسەتكەن.

مەرھۇم پرېزىدېنت رېگان، ئىنتايىن كەمتەر، ئىنتايىن كىچىك پېئىل، ئامېرىكىلىقنىڭ ئوغلى ئىدى. مەرھۇم پرېزىدېنت رېگان سىياسەتتە،مەنىۋى ھۇجۇم بىلەن تەسىرلەندۈرۈش، ئىشەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، مىخائىل گورباچېفنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ۋە كوممۇنىزمدىن ۋاز كېچىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغان پرېزىدېنت ئىدى. ئىنسانىيەت تارىخىدا، مەرھۇم پرېزىدېنت رېگان دەۋرى، دۇنياغا تارىخى ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بىر دەۋر ھېسابلاندى. سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىستېمىسىنى يىمىرىۋەتكەن بىر دەۋر ئىدى.

مەرھۇم پرېزىدېنت رېگان كوممۇنىزمغا قارىشى كۈرەشتە بىجانىدىل ئىشلەپ، پۈتۈن غەلىبە ۋە مۇۋاپپەقىيەتنى گورباچېفقا تەقدىم قىلىپ،«گورباچىېف ئەپەندى بېرلىن تېمىنى ئۆرۈۋەتتى» دېگەن ئىدى.

نۆۋەتتە پرېزىدېنت ئوباما 5-ئاينىڭ 25- كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە :«بۈگۈن ئۇرۇش باشلانغان ۋاقىتتىن تاكى ئىقتىساد ساھەسىدە چېكىنىشنى بەلگە قىلغان جاپا مۇشەققەتلىك 10يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىز ئىككى دۆلەت (ئەنگلىيە، ئامېرىكا) ھالقىلىق بىر پەيتكە كىرىپ كەلدۇق...ئىنقىلاب دولقۇنى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ كوچىلىرىدا يامراپ، بىر دەۋر كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش سادالىرى پۈتۈن دۇنياغا مۇناسىۋەتلىكتۇر... نۆۋەتتە بىز رەھبەرلىك رولىمىزنى جارى قىلىدىغان ۋاقىتقا يىتىپ كەلدۇق...دېموكراتىيىدىن پايدىلىنىپ ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىشلار 20-ئەسىردە دۇنيا قۇرۇقلۇقىدا جاراھەتلىك مىللەتچىلىكنى قالدۇرۇپ كەتتى...» دەپ كۆرسەتتى.

خۇددى شۇنىڭدەك، 2009-يىلى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قانغا بويالغاندا، تارىخ بۇ ۋەتەندە «جاراھەتلىك مىللەتچىلىك»نى قالدۇرۇپ كەتكەن. 10مىڭدىن ئارتۇق قانغا بويالغان ئۇيغۇر ھۆركىرىگەن سادا دەل «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ئۈچۈن» ھۆركىرىگەن سادا ئىدى. ئىنقىلاب دولقۇنى ئاۋۋال شىمالىي ئافرىقىدا ئەمەس، ئاۋۋال ئۇيغۇرىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە-ئوتتۇرا ئاسىيادا باشلانغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرى تور بەتلىرىدە «دەۋر ژۇرنىلى پرېزىدېنت ئوبامانى مەرھۇم پرېزىدېنت رېگانغا ئوخشاتقان بولسا، بىز بەك پەخىرلىنىمىز، ئەگەر ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانلىق قىرغىن قىلىشى مەرھۇم پرېزىدېنت رېگان دەۋرىدە يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنداقتا پرېزىدېنت رېگان ئۇيغۇرلارنى قىرغان قىرغىنچىلىققا قانداق ئىنكاس قايتۇراتتى» دەپ سوئال قويۇشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.