مىللىي ئىسيان ۋە توقۇنۇش ئىچىدە ئۆتكەن 2008 ‏- يىل

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى سەۋەبى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت - ئېتىبارى خىتايغا مەركەزلەشكەن 2008 - يىلى بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئىسيان ۋە توقۇنۇشلار ئەڭ كۈچەيگەن بىر يىل بولدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى، ئۆتكەن بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستان رايونىدا يۈز بەرگەن مىللىي ھادىسىلەرنىڭ شەكلى ۋە خاراكتېرىگە باققىنىمىزدا، قوراللىق توقۇنۇش ۋە تىنچلىق شەكلىدە نامايىش قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈسنى ئالغان مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تامامەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسى جەھەتتىكى بېسىم ۋە چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشنى تۈپ مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن دەپ قاراشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدى ھازىرلىغان سىياسى ئانالىزىغا قۇلاق سالغايسىلەر.