بۇنىڭدىن، گۈزەل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۆۋەتتە بىر ئۆلۈم شەھىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ جېنى ۋە قېنىنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوقلۇقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس !
دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەريان قىلىۋاتقان بۇ خىل تراگىدىيە ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرىدۇ !
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەردە يەنە 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر مەھبۇس ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتماقتا.
مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - ئومۇمى يىغىنىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، 2009 - يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 18 مىڭ 527 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى، 22 مىڭ 677 نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوتغا ئەرزنامە سۇنۇلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يوقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمايىلمۇ خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، 2009 - يىلى بىر يىل ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ جەمئى 302 مىڭ 356 دىلونى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 270 مىڭ 592 دىلونى سوتلاپ ئاياقلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.
كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ رەقەملەر، ئۆتكەن بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر جىددىي ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
خىتاينىڭ قانۇن تەرتىپى بويىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھكۇملارنىڭ ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئېتىزار بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار، ئەگەر بۇ سوتتىمۇ ئەرزى رەت قىلىنسا، يەنە خىتاي ئالىي سوتىغا ئېتىراز قىلىش ھوقۇقى بار.
ئادەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسنىڭ دىلوسى ئاۋۋال ئاپتونوم رايونلۇق يوقىرى سوت مەھكىمىسىگە يوللىنىدۇ، بۇ يەردە تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىنىدۇ، ئالىي سوتتىن تەستىق كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىدۇ.
نورمالدا بۇ رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغىچە ئەڭ ئاز بىر يىل ئۆتىدۇ.
ئەپسۇسكى، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 ئاي بۇرۇن، يەنى، ئۆتكەن يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بەزىلىرى بولسا پەقەتلا كېيىنكى بىر - ئىككى ئاي بۇرۇن، ھەتتا بەزىلىرى بىر - ئىككى ھەپتە بۇرۇن قولغا ئېلىنغانلار.
ئۇنداقتا، خىتاي تۈرمىلىرىدە جازا كۈتۈپ يېتىۋاتقان نەچچە 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش، مۇداپىئە قىلىش ۋە ئادۋوكات تۇتۇش ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىندىمۇ ؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستاندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قىسقىچە بىر كۆز يۈگرىتىپ چىقايلى:
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتايدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئومۇمى سانى 150 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 9000 خىتاي پۇقراسىغا بىر ئادۋوكات توغرا كېلىدۇ.
غەرب ئەللىرىدە بولسا ھەر 300 كىشىگە بىردىن ئادۋوكات توغرا كېلىدۇ.
ئۇنداقتا شەرقى تۈركىستاندىچۇ ؟
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقى تۈركىستاندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئومۇمى سانى 2184 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئادۋۇكاتلىرىنىڭ ئومۇمى سانى 380 نەپەر ۋە پۈتۈن ئادۋوكاتلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ پەقەتلا 17 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى سانى 12 مىليون 944 مىڭ 800 نەپەر بولۇپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 60.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئەگەر بىز شەرقى تۈركىستاندا مەۋجۇت 380 نەپەر ئازسانلىق مىللەت ئادۋوكاتىنى، ئازسانلىق مىللەتتىن بولغان 12 مىليون 944 مىڭ 800 نەپەر كىشىگە چاچساق، تەخمىنەن ھەر 35 مىڭ كىشىگە بىردىن ئادۋوكات توغرا كېلىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىنمۇ 4 -5 ھەسسە تۆۋەن تۇرىدۇ.
شەرقى تۈركىستاندىكى ئازسانلىق مىللەت ئادۋۇكاتلىرىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى بولسا ئىقتىسادى ۋە جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىش بولۇپ، مەمۇرى جەھەتتە پۈتۈنلەي قانۇن تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىشلەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقى تۈركىستاندا ئادۋوكاتلارنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئادۋوكاتلىق قىلىشى ۋە ئۇلارنى ئاقلىشى تامامەن چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېپىق سوت شەكلىدە مەخپىي ئېلىپ بېرىلماقتا، سوت جەريانىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىر ئېغىز گەپ قىلىشىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن توقۇپ چىققان ئەيىبنامىسى ۋە تەلىپى قانداق بولسا، سوتلارمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
مەسىلەن، 5 - ئىيول ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ئادۋوكاتلىق قىلىشى ۋە ئۇلارنى ئاقلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. يەنە ئوخشاش مەزگىلدە، شەرقى تۈركىستاندىكى قانۇن تارماقلىرىمۇ ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ رايوندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىغا ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى چەكلىدى.
دېمەك بۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىلا ئەمەس، قانۇنى جەھەتتىمۇ ھېچبىر ھەق - ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى تەرتىپ بويىچە ئەمەس، بەلكى سىياسىي بۇيرۇق ۋە قارارلار بىلەن جازاغا تارتىلىۋاتقانلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.