بولۇپمۇ بۇ ھەقتىكى تالاش - تارتىشلاردا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىپ كەلگەن قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ، ھېچبىر ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشمىگەنلىكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگەن سەنىمىگە دەسسەپ، پۈتكۈل قانۇن ساھەسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ۋە ئىدېئولوگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ، بىرەر مەھبۇس ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا، قانۇندا كۆرسىتىلگەن ماددىلار بۇيىچە ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئارزۇ - تەلەپلىرى بۇيىچە ھۆكۈم چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
گېرمانىيە بولسا، خىتاي بىلەن قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ ھەقىقىي بىر قانۇن دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، 2000 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي بىلەن قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە.
ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئىككى تەرەپ ئەدىلىيە تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بولسا، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن، ئەدىلىيە سىستېمىسى، ئادۋوكاتلىق، قولغا ئېلىش، سوتلاش، شاھىتلىق، ھۆكۈم چىقىرىش، جازا قانۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
" گېرمانىيە دولقۇنلىرى " رادىئوسى تەرىپىدىن 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئېلان قىلىنغان، " گېرمانىيە - خىتاي قانۇن - تۈزۈم سۆھبىتىنىڭ ئەھمىيىتى قېنى ؟ " دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانۇن - تۈزۈم سۆھبىتى يولغا قويۇلغان 9 يىلدىن بۇيان، خىتايدا سوتچىلارنىڭ، ئادۋوكاتلار ۋە قانۇن خادىملىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن، نۇرغۇنلىغان يېڭى قانۇنلار تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ئەسلىدىكى قانۇنلارغا كۆپلىگەن يېڭى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانۇن ساھەسىگە قارىتىپ كەلگەن ماناپوللۇقىدا ۋە كۈچلۈك دەخىل - تەرۈزىدە ھېچبىر يۇمشاش كۆرۈلگىنى يوق.
خىتايدىكى سوتچىلار قانۇنغا ئەمەس، بەلكى پارتىيە - ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، قانۇن تارماقلىرى، ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىگەن ئوخشىمىغان قاراش ۋە پىكىردىكى ئىنسانلارنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، رەھىمسىز ۋە قاتتىققول بولۇش پرىنسىپىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مانا بۇلار، سوتچىلارنىڭ قانۇن ماددىلىرى بۇيىچە ئەمەس، بەلكى كومپارتىيىنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان رايونى بولسا گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، ئەدىلىيە ئورگانلىرىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. گەرچە گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قانۇن - تۈزۈم سۆھبىتى باشلانغان 2000 - يىلىدىن بۇيان، گېرمانىيىدىكى سوتچى ۋە ئادۋوكاتلار كۆپ قېتىم خىتايدىكى سوت مەھكىمىلىرىگە كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سوت مەھكىمىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سوتىغا قاتنىشىشىنى قەتئىي تۈردە رەت قىلىپ كەلمەكتە.
گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان رايونى بولسا خىتاي بۇيىچە قانۇن - تۈزۈم ئەڭ بەربات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسى - قانۇن تارماقلىرى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا قانۇن جەھەتتە باشتىن - ئاخىرى ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. يەنى، قانۇن تارماقلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى ئالدىدا يۇمشاق ۋە مۇرەسسەچى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىز ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىققول.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ خىتاي بۇيىچە سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىردىن - بىر رايونغا ئايلىنىشىمۇ بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى نىشانى ۋە كۈچىنى ئاتالمىش " 3 خىل كۈچلەر " دەپ ئاتالغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشكە قارىتىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان.
قانۇن تارماقلىرى تۇرماق، بىڭتۇەنلىكلەرگە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا - كەنت كادىرلىرىغا، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىغا ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگىمۇ سىياسى جەھەتتە مەسىلىسى بار دەپ گۇمان قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش، تەھدىت قىلىش، نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش - قىيناش ۋە جازالاش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، مەسىلەن، يېڭىسارلىق دېھقان ھېكىم سىيىت تەرىپىدىن ئىشلەپ تارقىتىلغان شىكايەت فىلمىدە، يېزا كادىرلىرىنىڭ بىر دېھقان بوۋايغا، " ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ قەرز پۇلىنى ئېلىشنى رەت قىلساڭ سىنى سىياسىي جىنايەتچى دەپ ئاپىرىپ سولايمىز " دەپ تەھدىت سالغانلىقى ئېنىق يەر ئالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ شەرقىي تۈركىستان رايونىدا سىياسىي تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازاغا تارتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيمەكتە.
مەسىلەن، " تيانشان تورى " نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچىدە، " ئاپتونوم رايوندا تەپتىش ئورگىنى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى " چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا، 2003 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن 88 مىڭ نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 102 مىڭ نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
" ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى - قانۇن كومىتېتى " نىڭ رەئىسى جۇ بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ، ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان ئاتالمىش " 3 خىل كۈچ " لەرگە زەربە بېرىش جەھەتتە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنى " مىللىي بۆلگۈنچى " ۋە " 3 خىل كۈچ " لەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىشى لازىملىقىنى بايان قىلغان.
جۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى، 5 يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغان 88 مىڭ نەپەر كىشىنىڭ خېلى بىر قىسمىنىڭ ئاتالمىش " 3 خىل كۈچ " دېگەن نامدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئۇندىن باشقا يەنە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇيىل 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان بويىچە 1300 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ، " ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى " بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ 1154 نەپىرىگە جازا بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى نازۇك سىياسى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، بىر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ سوتتا ئۆزىنى ئاقلىشى ۋە مۇداپىئە قىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئادۋوكاتلارنىڭمۇ ئۇلارنى ئاقلاپ بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى كومپارتىيە تەرىپىدىن بىر قوللۇق يىتىشتۈرۈلگەن بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ نەزىرىدە، " 3 خىل كۈچ " دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلگەن بىرىنى ئاقلاش دېگەنلىك، ھاكىمىيەتنىڭ دۈشمىنىنى ئاقلاش دېگەنلىكتۇر.
شۇڭا خۇددى ۋەتەندىن كەلگەن ئىنكاسلاردا بايان قىلىنغىنىدەك، ئادەتتىكى بىر قاتىل، بۇلاڭچى، ئوغرى ياكى باسقۇنچىنى سوتتا ئاقلىغاندا قۇشقاچتەك سايراپ، ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىۋېتىدىغان ئادۋوكاتلار سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سوتىدا زۇۋانى تۇتۇلۇپ، سوتچىنىڭ ھۆكۈمىنى بېشى بىلەن تەستىقلاپ ئولتۇرىشىدۇ، ھەتتا بەزى ئادۋوكاتلار قارىلىغۇچى تەپتىشلەرگە ماسلىشىپ، ئەيىبلەنگۈچىنى گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، بالدۇرراق تۆۋە قىلىشقا قىستايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان بولۇپ، ئادۋوكاتلارنىڭ ئالدىدا بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوق !
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ھېچبىر قانۇنىي ھەق - ھوقۇققا ئىگە بولمىغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكى ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار ھېچبىر سوئال - سوراقسىزلا ئۆلۈم جازالىرىغا ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېلىنمەكتە.
ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدىكى سوت يىغىنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېپىق ۋە مەخپىي ئېچىلىشىمۇ، ئۇلارغا ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ھېچبىر قانۇنىي ھەق - ھوقۇقنىڭ تونۇلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.