خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنى '3 خىل كۈچلەر'گە زەربە بېرىشكە قارىتىپ كەلمەكتە

نۆۋەتتە ئۆلۈم ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ بېشىغا، "3 خىل كۈچ " دېگەن سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، ئەگەر خىتاي سوتلىرىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن توقۇپ چىققان ئەيىبنامىلىرىنى يىغىنچاقلىساق، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش "جىنايەت" لىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستانغا پىلانسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان "بىڭتۇەن "نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ كونتروللىقىدىكى يەر - زېمىن ۋە ئىقتىسادى ئەسلىھەلەرنى يەرلىككە قايتۇرۇپ بېرىش، بىڭتۇەن تەركىبىدىكى خىتايلارنى پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلققە قارىتىلغان "پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئاتالمىش "قوش تىللىق ئوقۇتۇش" سىياسىتىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە مىللىي تىل - يېزىقىدا ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئىچكى ئۆلكىلەردە تەسىس قىلىنغان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" نى دەرھال بىكار قىلىپ، ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرت - ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

"ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆز يۇرت - ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرت - ماكانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بىۋاسىتە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كارخانىلار بۇ رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئاچقاندا، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە يەرلىكلەرگە پايدا ۋە غەللە - پاراق تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سىياسى مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يېرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئەركىن پىكىر قىلىش تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان سىياسى مەھبۇسلارغا قارىتا ئومۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم قۇربانلىرىنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق دەرىجىدە تۆلەم تۆلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىنى پۈتۈنلەي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشنى توختىتىپ، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ئۆگىنىشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

دېمەك، "3 خىل كۈچلەر" دېگەن نامدا جازاغا تارتىلىۋاتقانلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى، جۈملىدىن، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى "تەكىتلەنگەن مىللىي، دىنىي، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ئاددىي ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان يۇقىرىقى تەلەپلەر بولسا خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى "غا تامامەن ماس كېلىدىغان ئۇيغۇن تەلەپلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەققانىي تەلەپلەر يۈزىسىدىن جازاغا تارتىلىشى، ماھىيەتتە بۇ قانۇنلارغا قىلىنغان ئوچۇق بىر خىيانەتتىن ئىبارەت ئىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش" دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇمىي يۈزلۈك دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى بولسا، "مىللىي تېررىتورىيە قانۇنى"نىڭ 11 - ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش "قوش تىللىق ئوقۇتۇش" سىياسىتى بولسا "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 37 - ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتى بولسا "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 23 - ماددىسىغا تامامەن زىت.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، "شىنجاڭنى ئېچىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش" دېگەن نىقاب ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشى ۋە نەپ ئېلىشىنى تامامەن چەكلەش سىياسىتى بولسا يەنە "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 62 - ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا خىتايچىنى راۋان بىلىشنى شەرت قىلىشى ۋە "خىتايچە بىلمىسەڭ ئىستىقبالىڭ يوق" دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلىشى بولسا، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 10 - ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

قىسقىسى بىز، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 67 ماددىسىنىڭ ھەممىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رىيال ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان بۇ قانۇنىنى ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.