بۇنىڭغا ماس ھالدا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلار ئۈزلۈكسىز كۈچۈيۈپ بارماقتا.
بۈگۈن خەلقئارا سىياسى سەھنىلەردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ھامان، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ھەق - ھوقۇق مەسىلىسى مۇھىم سالماقنى ئىگەللەپ كەلمەكتە، چۈنكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللەرنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت رايونى بولسا خىتاي بويىچە ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلار ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان رايونلار بولۇپ، تىبەت مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ھامان، ئۇنىڭغا پاراللىل ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ بىرگە تەلەپپۇز قىلىپ كېلىنمەكتە.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن تىبەت داۋاسىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرى ۋە نوپۇزىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، تەبىئي ھالدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.