بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەن 1990 - يىلىدىن بۇيان، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ھەر يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بۇ تارىخىي ۋەقەنى خاتىرىلەشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئەللەردە نامايىش قىلىش، ئاخبارات - بايانات ئېلان قىلىش، بارىن شېھىدلىرىنىڭ روھى ئۈچۈن مەخسۇس مەۋلۇت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق خىلمۇ - خىل شەكىل ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور سىياسى ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان بارىن قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەپ ۋە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 19 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئۇختۇرۇشىدا، "بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش، بارىن شېھىدلىرىنى ياد ئېتىش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بارىندا ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ھۆر دۇنياغا ئاڭلىتىش بولسا، بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەجبۇرىيىتىمىزدىن ئىبارەت " دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ، ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن بارىن قوزغىلىڭىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئىچىدە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رادىئومىز ئوبزورچىسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.