قەشقەردىكى ئاتالمىش 'تەرەققىيات'لار

ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە كەينى - كەينىدىن سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، " شىنجاڭنى ئۇنداق تەرەققى قىلدۇرىمىز، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى بۇنداق يۇقىرى كۆتىرىمىز " دەپ جار سېلىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئەگەر، بۇ يىغىنلاردا تەكىتلەنگەن مەسىلىلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 60 يىلدىن بۇيان توۋلىنىپ كېلىنىۋاتقان قۇرۇق شوئارنىڭ ئەينىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس !

چۈنكى، ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە پايدا - مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىستەكلىرىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولغان ھېچبىر پىلان - پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويالىغىنى يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرگۈزمەكچى بولغان پىلانى ۋە سىياسىتى تامامەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرى ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، مىللىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش ۋە سۆمۈرۈش سىياسىتىدە ھېچبىر ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.

بۇ نۇقتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان پۈتۈن سىياسەتلىرىدىن ناھايىتى روشەن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. مەسىلەن، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،

ئۆتكەن يىلى قەشقەر ۋىلايىتىگە دۆلەت تەرىپىدىن 7 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپOpens in new window ]

، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنمىش !

مەزكۇر خەۋەردە، قەشقەر ۋىلايىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاتالمىش " تەرەققىيات " لار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىرىنچىسى، ئۆتكەن يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە "قوش تىللىق مائارىپ " نى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، " قوش تىللىق يەسلى " دەپ ئاتالغان خىتايچە يەسلىلەرنىڭ سانى 715 كە، ئۇنىڭدا تەربىيىلىنىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 100 مىڭ نەپەرگە يەتكۈزۈلگەن، قەشقەر ۋىلايىتىدە يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ " قوش تىللىق يەسلى " گە كىرىش نىسبىتى 69 پىرسەنتكە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا 22 پىرسەنت ئاشۇرۇلغان.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىدىن، مىللىي يېزىقىدىن، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئايرىش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش " قوش تىللىق مائارىپ " سىياسىتى بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە بىۋاستە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت !

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسىتىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە "قوش تىللىق ئوقۇتۇش " جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قىلچە ئار - نومۇس قىلماستىن، "قەشقەر خەلقىغە قىلىنغان غەمخورلۇق " دەپ كۆككە كۆتۈرگەن.

يۇقىرىقى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى قەشقەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر "زور نەتىجە" بولسا، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە 4715 ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ۋە بۇ ئاھالىلەرنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەنلىكى بولۇپ، بۇمۇ قەشقەر خەلقىغە قىلىنغان " غەمخورلۇق " تەرىقىسىدە بازارغا سېلىنغان !

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە كۈچلۈك قارشىلىقىغا ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىماستىن، "يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى بەرپا قىلىش" دېگەن نىقاپ بىلەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسى مەقسىتى، مىللىي مىراسنى يوقىتىش شەكلى بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، يەنە بىر جەھەتتىن، ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئىسيان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ مەسىلىمۇ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كىلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

دېمەك، مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئۆزىلا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش نىيىتىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.