ياردەممۇ ياكى تالان - تاراج قىلىشمۇ؟

ھازىرغىچە تېخى قاننىڭ ھىدى كەتمىگەن ئۈرۈمچى شەھىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئايىقى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان ئاتالمىش " شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆمەكلىرى " قاپلاپ كەتتى.

0:00 / 0:00

بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى مەيلى بېيجىڭدا بولسۇن، مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، ئارقا - ئارقىدىن سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرى چاقىرىپ، گويا يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە بىر كېچىدىلا " ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات " لارنى بارلىققا كەلتۈرۈدىغاندەك بىر مەنزىرىنى يارىتىشقا تىرىشماقتا.

ھازىر مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن خىتاينىڭ 10 دىن ئارتۇق ئۆلكىسىدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلار يەڭلىرىنى شىمايلاپ، ئاتالمىش "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇلۇغ سەپىرى" گە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەمەلىيەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېچبىر زامان خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى چۈشۈپ باقمىدى، كىمنىڭ كىمگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىمۇ خەلقى - ئالەمگە بەش قولدەك ئايان.

ئاتالمىش "ياردەم بېرىش" شوئارىنىڭ بولسا، ئەمەلىيەتتە يەرلىك خەلقنى سۆمۈرۈش، تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش ۋە ئۇلارنى خىتاي كۆچمەنلىرى قاينىمى ئىچىگە غەرق قىلىپ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىكەنلىكىمۇ جاھان ئەھلىگە بىلىنگەن بىر ھەقىقەت !

چۈنكى، ھازىرمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن " ياردەم بېرىش " دېگەن نىقاپ بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئوقەت قىلىۋاتقان مىڭلىغان كارخانا بار، بولۇپمۇ ئاتالمىش " چوڭ غەربىي شىمالنى ئېچىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى " يولغا قويۇلغان 2000 - يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشتى.

ئەگەر، خىتاي ھاكىمىيىتى بىر ئاز ئىنساپلىق بولۇپ، " بۇلارنىڭ پۈتۈن يەر ئاستى - يەر ئۈستى بايلىقىنى بۇلاپ - تالاۋاتىمىز، بۇلارغىمۇ ئازراق نەپ بېرىپ قويايلى " دېگەن پوزىتسىيىدە بولغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى.

دېمەك، ئاتالمىش "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش" شوئارى نىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلقنى تالان - تاراج ۋە قاقتى - سوقتى قىلىش، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى بورداش ئۈچۈن قوللانغان ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆگەيلىشىگە ۋە چەكلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي سانائىتى بۈگۈن ئېغىر بۆھران ئىچىدە جان تالاشماقتا، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن، قاشتېشى دېگەندەك تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ۋە سېتىش ھوقۇقى تامامەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مونوپوللىقىدا.

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ پۈتۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىغا ئايلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان بېقىندىلىقىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

بۇنىڭغا تۆۋەندىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق جاۋاب بېرىش مۇمكىن :

مەسىلەن، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 138 خىل بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى تۈرىنىڭ 80.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى نېفىت زاپاس مىقدارى 20 مىليارد 860 مىليون توننا بولۇپ، خىتاي بويىچە بايقالغان نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

2008 - يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ رايوندا يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 27 مىليون 223 مىڭ 300 توننىغا يەتتى ۋە شەرقىي تۈركىستان كېيىنكى 3 يىلدىن بۇيان نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى نېفىتلىك بايقىلىپ ھازىرغىچە بولغان 55 يىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا 300 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت يۆتكەپ كېتىلگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 1 تىرىليون 300 مىليارد كۇپمېتىر بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارىنىڭ 34 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

1990 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 500 مىليون 20 مىڭ كۇپمېتىر ئىدى، 2008 - يىلىغا كەلگەندە 23 مىليارد 589 مىڭ كۇپمېتىرغا يەتتى.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان، خىتاينىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق 34 چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەرنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي گازىدىن بىۋاستە پايدىلىنىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى 300 مىليوندىن ئاشىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر زاپاس مىقدارى 219 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە بايقالغان كۆمۈر زاپاس مىقدارىنىڭ 40 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

1990 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 21 مىليون توننا ئىدى، 2008 - يىلىغا كەلگەندە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 50 مىليون 186 مىڭ 400 توننىغا يەتتى.

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۇقىرىقىدەك ئېنېرگىيە خامئەشيالىرىنى سۆمۈرۈش قەدىمىگە ماس ھالدا، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، ئۇران، قەلەي قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى ئېچىش قەدىمىنىمۇ تېزلەتمەكتە.

پەقەت تەبىئىي بايلىقلارلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سۆمۈرۈش ۋە تالان - تاراج قىلىش نىشانلىرىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 8 مىليون 950 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە ئاشلىقتا ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنغان بىردىن - بىر رايوندىن ئىبارەت، ئادەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىقنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى خىتايغا يۆتكەپ كېتىلىدۇ.

پاختىنى ئېلىپ ئېيتساق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون توننىدىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مىقدارىنىڭ 35 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىمۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىغا بېقىنىپ قالغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ رايوندىكى چارۋا - ماللارنىڭ ئومۇمى سانى 60 مىليون تۇياقتىن كۆپرەك بولۇپ، ھەتتا تىبەتتىكىدىنمۇ بىر ھەسسە كۆپ.

بۇنداق مىساللارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس!

دېمەك، بۇنىڭدىن شۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايغا ھېچبىر جەھەتتىن ئېھتىياجى يوق، ئۇلارنىڭ ياردىمىگىمۇ مۇھتاج ئەمەس.

پەقەتلا خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان تالان - تاراج قىلىش ۋە سۆمۈرۈش سىياسىتىنى توختاتسۇن، شۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئەڭ زور "ياردەم" دىن ئىبارەت.