خىتاينىڭ ئاپتونومىيە چۈشەنچىسى ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش مەنتىقىسى

4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن ھەم تالاش - تارتىش قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ "ئاپتونومىيە" دېگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان يۈزەكى ۋە ئەخمىقانە قارىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش "ئاپتونومىيە" سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىدىن ئىبارەت ئىدى.

0:00 / 0:00

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىردەك ھالدا، غەرب دېموكراتىك ئەللىرى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا، "ئاپتونومىيە " دېگەن ئۇقۇمغا بولغان چۈشەنچە ھەققىدە ئىنتايىن زور پەرق ۋە زىتلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، " ئاپتونومىيە" دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ تۈپ مەنىسىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشىغان ئاپتونومىيىلىك سالاھىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ ئىچكى جەھەتتە تامامەن مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، مەسىلەن، سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇنىي، مەمۇرىي ۋە مەدەنىي - مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە ماس كېلىدىغان سىياسەتلەرنى بېكىتىش ھەم ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇلار يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقى، مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىلغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل بېسىم سىياسىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ " ئاپتونومىيە " دېگەن مەزكۇر ئۇقۇمغا بولغان ئىلگىرىكى خاتا ھەم يۈزەكى چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھەقىقى يوسۇندا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى شۇكى، مەيلى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ياكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھەم مىللىي تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇش ھەم نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى دىئالوگ ھەم مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا دالالەت قىلدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ۋە پارلامېنت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ،چەتئەللەردىكى پۈتكۈل پائالىيەتلىرىدە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى ۋە ب د ت نىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، دىنى ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئەھدىنامىلىرىنىڭ روھىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دېموكراتىك پرىنسىپلارغا تايانغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جىددى خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ھەم بۇ نىشاندىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۆزىنى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى جىددىي ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، چەتئەلگە چىققان 5 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دىئالوگ(سۆھبەت) ۋە تىنچلىق شەكلى بىلەن ھەل قىلىشنى ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كەلگەنلىكى ھەم بۇ يولدا زور پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ھەقىقەتەنمۇ، رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، ھېچ بىر زامان شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلاردىن مەدەت كۈتكەن ياكى ئۇنىڭدىن سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈمىدىدە بولغان ئەمەس، چۈنكى مىللىي توقۇنۇشلار تارىختىن بۇيان مەيلى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بولسۇن ياكى خىتاي دۆلىتى ۋە ياكى خىتاي مىللىتى ئۈچۈن بولسۇن، بالايى - قازا ھەم ئاپەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلگەن ئەمەس.

شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىشى، پەقەت خىتاي دۆلىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ ئامانلىقى، مۇقىملىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىغا جىددىي خەۋپ ۋە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.

ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىگەن ۋە يەرلىك خەلققە قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەم قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل قاتتىق قول سىياسىتى ئەكىس تەسىر بېرىپ، مەزكۇر رايوندا مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشىغا سەۋەب بولماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۇقىرىقىدەك قاتتىق باستۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ھېچقاچان ئۈنۈم بەرگىنى يوق، ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈش، مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغۇيۇشى قاتارلىقلارغا سەۋەب بولماقتا. خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ قاتتىق تىركىشىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش دولقۇنى قوزغىلىپ كەلدى ۋە بۇ دولقۇن ئۈزلۈكسىز جۇش ئۇردى.

ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىگە ئىچكى - تاشقى جەھەتتە مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىگەن بۇ خىل غەيرى ئىنسانىي سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى ياكى ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالغىنى يوق !

دېمەك، تارىخىي رېئاللىققا قارىغىنىمىزدا، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ھەقىقى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەيدىكەن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىدا بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىدىن تەل - تۆكۈس قولىنى ئۈزۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان مىللىي توقۇنۇش ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىئالوگ ھەم تىنچلىق ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت !