ئۇيغۇر مەسىلىسى پەقەتلا ئىقتىسادى مەسىلىمۇ؟

ئۇيغۇر رايونىدا، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ بېرىشى، يەنە بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بېرىشى، پەقەت خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئامانلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەتتا دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈنمۇ جىددىي خەۋپ شەكىللەندۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئۇيغۇر رايونى خۇددى پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بىر بومبىغا ئايلىنىپ قالدى، 2009 - يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈچۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش زور تراگېدىيىلىك ھادىسىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلاردا ھەر زامان يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار.

شۇ بىر ئەمەلىيەتكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ھاكىمىيەت بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرى تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىككى قۇتۇپ شەكىللەندى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا جىددىي خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغان قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ھەر زامان يۈز بېرىش ئېھتىمالى ئىنتايىن كۈچلۈك.

ئەپسۇسكى، ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى رايونىدا ھەقىقىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھېچبىر ئىجابىي ۋە سەمىمىي قەدەم بېسىپ باققىنى يوق، پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قانلىق شەكىلدە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن بۇ خىل قاتتىق قول سىياسىتى ھېچبىر ئۈنۈم بەرگىنى يوق، ئەكسىچە بۇ رايوندا مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولماقتا.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىگە ئىچكى - تاشقى جەھەتتە مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىگەن ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارالىق ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق.

ئەگەر بىز، 1949 - يىلىدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 1955 - يىلىدىن بۇيانقى ئومۇمى سىياسىي ۋەزىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك شەكىلدىكى مىللىي ھەرىكەتلىرى كۈنسايىن كۈچەيسە كۈچەيدىكى، ھېچبىر زامان پەسەيگىنى يوق.

بولۇپمۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2000 - يىلى باشلىتىلغان "چوڭ غەربىي شىمالنى ئېچىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى شىددەت بىلەن كۈچەيدى، بۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدە جىددىي بىر بوشلۇق ۋە خاتالىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قايتىدىن ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان، مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن بەزى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا، ئەمما، مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى نوقۇل ھالدا بىر ئىقتىسادى مەسىلە دەپ قارىماقتا ۋە پۇتۇن دىققەت - ئېتىبارىنى بۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرمەكتە.

يەنە بىر جەھەتتىن، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىڭتۇەننى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئوخشاش تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە بولغان سەمىمىيەتسىزلىكىنى ئوچۇقلا كۆرسىتىپ تۇرماقتا. چۈنكى، بىڭتۇەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇتۇن مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ باش مەنبىيى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى تۈپ مەنپەئەتلىرىگە بىۋاستە خەۋپ سېلىپ كېلىۋاتقان بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئاساسلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

ئەلۋەتتىكى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئادالەتسىزلىكمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، ئەمما ئاساسلىق ئامىل ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندا كېيىنكى 20 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن زور سىياسىي ۋەقەلەرگە نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھىچبىرىنىڭ ئىقتىسادى سەۋەبتىن كېلىپ چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، 1990 - يىلى يۈز بەرگەن بارىن قوزغىلىڭىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1988 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا قوللانغان دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق قول سىياسىتى ئىدى.

1997 - يىلى يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەرىجىدىن تاشقىرى دىنىي بېسىم سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىدى.

2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى بولسا، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىشى ۋە ئىرقىي ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىدى.

دېمەك، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى تارىخىي رىئاللىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يۈزەكى ھالدا پەقەتلا "ئاش - تاماق" داۋاسى دەپ قارىماسلىقى لازىم.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى ئىقتىسادى مەسىلە ئەمەس، بەلكى مىللىي ھەق - تەلەپ مەسىلىسىدىن ئىبارەت، ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۈچلۈك ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە بولسا، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جىددىي يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت.

ئەگەر، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى راستىنلا ھەقىقىي مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىشى، ئۇيغۇر خەلقىنى جىددىي ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىدىن تەل - تۆكۈس ۋاز كېچىشى لازىم!