ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى كىم ؟

مانا بۇ سوئال، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، بولۇپمۇ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بىرىلىپ ئەنگىلىيە كونتروللۇقى ئاستىدىكى جەننەت ماكان - بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئەڭ كۆپ تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2009-06-23
Share

ئەمىلىيەتتە بولسا، غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ سوئالنىڭ ھەقىقىي جاۋابىغا قىزىقىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بار، چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن "11 - سىنتەبىر " تېررور ۋەقەسىدىن بۇيان پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى دۇنيا سىياسىي سەھنىلىرىدە قانداقتۇر ئوساما بىنلادىن ۋە ئۇنىڭ ئەل قائىدە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار " تېررورچى ھەرىكەت" دەپ قارىلاپ كەلمەكتە.

مەيلى تىنچلىق شەكلىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولسۇن ياكى قوراللىق كۈرەش قىلغان بولسۇن، ئومۇمەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە ئۇنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرغان ياكى ئېتىراز بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگىلا قارا - قويۇق ھالدا " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى " دېگەن قالپاق كەيدۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە تىنىمسىز ھالدا ئېلىپ بارغان قارىلاش ھەرىكىتى، غەرب ئەللىرى ئارىسىدا قىسمەن قايمۇقتۇرۇش رولىنىمۇ ئوينىغان، مەسىلەن، " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن " تېررورچى تەشكىلات " دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستانلاردا ئامېرىكا تەرىپىدىن " تېررور گۇماندارى " دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان غايەت زور قارىلاش كامپانىيىسىنىڭ ۋە تۆھمەتخورلۇقىنىڭ بىۋاستە مەھسۇلى ئىدى.

ئەسلىدە خىتاينىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مۇددىئاسى، " ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى پەقەت بىزلا ئەمەس، ئەل - قائىدەنىڭ دۈشمىنى ئۇيغۇرنىڭمۇ دۈشمىنى " دېگەن قاراشنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

چۈنكى خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ باش مەنبىيى ھېسابلانغان ئەل قائىدە ۋە ئۇنىڭ ئىتتپاقدىشى تالىباننىڭ " دۈشمەن " لىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىي ۋە رادىكال ئىدېئولوگىيىسىگە قارشى تۇرغانلىكى پۈتۈن ئىنسانلار، شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوقنى ياقلىغۇچى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ھەممىسىلا " دۈشمەن كۈچ " تىن ئىبارەت.

ئۇلارمۇ خۇددى خىتاي ھاكىمىيىتىدەك، " دېموكراتىيە " ۋە " كىشىلىك ھوقوق " دېگەن كەلىمىلەردىن نەپرەت قىلىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە ئىدېئولوگىيىسىنى باشقىلارغا تەھدىت ۋە تېررورلىق ئۇسوللار بىلەن زورلاپ قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئەل قائىدە بىلەن ئالاقىدار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۈنئىي دۈشمەن پەيدا قىلىش ۋە دېموكراتىك ئەللەردە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆچمەنلىك ۋە گۇمان تۇيغۇسى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىنتايىن ئەخلاقسىز ۋە زەھەرخەندە بىر ھەرىكەت ئىدى.

ئەمما ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىي سۈيىقەستىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدىمۇ ئۆزلىرىگە زۇلۇم سىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن باشقا دۈشمىنىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى.

مەسىلەن، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان، " 4 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن بېرمۇدا ئاراللىرىدا يېڭى ھاياتقا قەدەم باستى " دېگەن ماۋزۇدىكى بىر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى كىم دېگەن سوئالغا جاۋابەن، گۈەنتانامودىكى بىر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئامېرىكا سوتىدا قىلغان، " بىزنىڭ پەقەت بىرلا دۈشمىنىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت. خىتايلار چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال دەپ ئايرىماستىن ھەممىمىزگە زۇلۇم سالدى، خورلىدى، ھەتتا ئانىلارنىڭ قوسىقىدىكى بوۋاقلارنىمۇ ساق قويمىدى!" دېگەن سۆزلىرى يەر ئالغان ئىدى.

يۇقىرىقى جاۋاب ماھىيەتتە بولسا، خىتاينىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تۇيغۇسى ۋە قارىشىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى دۈشمەن دەپ قارىشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت ئىلىپ بېرىشىنىڭ ئەجەبلەنگىدەك يىرى يوق.

چۈنكى زۇلۇمغا، بېسىمغا، خورلۇققا ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بولسا، بىر ئىنسان ياكى مىللەتنىڭ ئەڭ ئەقەللى دېموكراتىك ھەق - ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ.

ئەسلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ۋە زۇلمى ئاستىدا خورلىنىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىدىن خىتايلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئۆزىلا چىكىدىن ئاشقان بىر مۇتىھەملىك ئىدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە يەنە، " ئامېرىكا سوتى بۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى خىتاي بۇلارنى دۆلەت دۈشمىنى دەپ قارايدۇ، خىتايدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى پەقەتلا قىيىن - قىستاقتىن ئىبارەت " دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەزىرىدىمۇ ئۆزىگە قارشى چىققۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۆلەت دۈشمىنى دەپ قارىلىپ ئۆچ ئىلىش نىشانى قىلىنىدىغانلىقى ئوچۇقچە ئىپادە قىلىنغان ئىدى.

ماھىيەتتە بولسا، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ، " ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن باشقا دۈشمىنى يوق " دەپ باھا بىرىشىنىڭمۇ بەلگىلىك تارىخىي ئاساسى بار ئىدى.

چۈنكى، كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 - يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان ئۇزۇن بىر جەريان ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئىلىپ بارغان مىللىي ھەرىكەتلىرىدە خىتايدىن باشقا بىر دۆلەت ياكى مىللەت زەربە بىرىش نىشانى قىلىنغان بىرمۇ ھەرىكەت سادىر بولمىدى.

خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سالغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 100 گە يىقىن بولۇپ، ئۇلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان زاۋۇت، كان - كارخانىلارنىڭ سانى بىر قانچە يۈزدىن ئاشىدۇ، ئەمما تاكى ھازىرغا قەدەر بۇ رايوندىكى بىرمۇ چەتئەل كارخانىسى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ زەربىسىگە ياكى بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ باققان ئەمەس.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستانغا يىلدا كىلىدىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا خەۋپ كەلتۈرىدىغان بىرمۇ ھەرىكەتتە بولغان ئەمەس !
دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان بۇ ئۆرنەكلەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەقەدەر تىنچلىقپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا !



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت