شاۋگۈەن ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرگەن ئىككى نۇقتا

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇرىي يۆتكەپ كىلىنگەن ئۇيغۇر ياللانما ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنىڭ بىۋاستە مەھسۇلى بولۇپ، بۇ قېتىمقى تراگىدىيىنىڭ باش جاۋابكارىمۇ دەل خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت !

0:00 / 0:00

بىر قانچە يىلدىن بۇيان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللىك سىياسى كۆزەتكۈچىلەرمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش " دېگەن نىقاپ بىلەن ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتىنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خىل غەيرى ئىنسانىي سىياسىتىنى توختاتمىغان تەقدىردە، ئېغىر سىياسى ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم شاۋگۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ھادىسە، ئۇلارنىڭ مۆلچەر ۋە ئەندىشىلىرىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

بۇ قانلىق ۋەقە ھەققىدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىغان ئىككى نۇقتا بولۇپ، بىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پەرۋاسىزلىق ۋە مەڭسىتمەسلىك پوزىتسىيىسى ئىدى.

ئەسكەرتىش: بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى www.ireport.com دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى www.ireport.com نىڭ. مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلاتىغا RFA نىڭ مەسئۇلىيىتى يوق.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا، " بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەكىلى، ئۇلارنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمىز " دەپ نومۇسسىزلارچە داۋراڭ سېلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىمۇ قىلىنى تەۋرىتىپ قويغىنى يوق، پەقەتلا شاۋگۈەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۇتۇپ بەرگەن قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىدىن بىر ھەيئەت غىپپىدە بېرىپ ئىككى جەسەتنى قايتۇرۇپ كەلدى ۋە خۇددى بىر قاتىل جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ئادىمىنى خىلۋەت چۇقۇرغا تاشلىغىنىدەك، شەپىسىز ھالدا كۆمۈپ قويۇشتى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقمايدىغان بىر بۇلۇڭدا ناھايىتى كىچىك بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى، بۇ خەۋەردىمۇ، " ئۇيغۇر " دېگەن كەلىمە تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەتلا " خەنزۇ ئىشچىلار بىلەن شىنجاڭلىق ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى " دېيىلگەن، مۇمكىن بار بۇ قانلىق تراگىدىيىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن يوشۇرۇشقا، بۇنى ئادەتتىكى ئەھمىيەتسىز بىر ھادىسە قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئىدى.

تېخىمۇ رەزىل تەرىپى شۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى، يەنى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ ئاساسلىق خەۋىرى بولسا، " گەنسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا 500 مىڭ ئىشچى كەلمەكچى " دېگەن ماۋزۇدىكى خەۋىرى ئىدى.

مەزكۇر خەۋەردە، گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ، ئۆز ئۆلكىسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىللىق پاختا مەۋسۈمىدە شەرقىي تۈركىستانغا 500 مىڭ نەپەر خىتاي ئىشچى ئەۋەتىشكە ھازىرلىنىۋاتقانلىقى، گەنسۇ ئۆلكىسىدىن بۇ رايونغا 2006 - يىلى 420 مىڭ نەپەر ئىشچى كەلگەنلىكى، 2007 - 2008 - يىللىرى بولسا يېرىم مىليوندىن ئاشقانلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گەنسۇلۇق خىتاي ئىشچىلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھازىرلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

ئۇنداقتا، بۇ قېتىم شاۋگۈەن شەھىرىدە خىتايلاردىن تاياق - توخماق يىگەن ئۇيغۇرلار كىملەر ئىدى ؟

بۇلار دەل، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، " تەرگىلى يېرى، قىلغىلى ئىشى يوق ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى " دېگەن نامدا شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەن بىچارە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىدى.

بىر تەرەپكە قارىسىڭىز، سىياسى ۋە قانۇنىي بېسىم، ئىقتىسادى جازا ۋە تەھدىتلەر بىلەن يۇرت - ماكانلىرىدىن ھەيدىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە قۇل - مالايلىققا ئىۋەتىلىۋاتقان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار، يەنە بىر تەرەپكە قارىسىڭىز، ھاكىمىيەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردىن كېلىپ ھەيدەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت - ماكانلىرىغا يەرلىشىۋاتقان مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرى !

دۇنيادا بۇنداق رەزىللىك ۋە ئۆكتەملىك كام ئۇچرىسا كېرەك !

خۇددى، " جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا " دېگەندەك، يۇقىرىقى رېئاللىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشتە، تامامەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوچۇق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن !

ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي خوجايىنلىرىغا قۇللۇققا تۇتۇپ بېرىلگەن بىچارە ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا كوللېكتىپ ھۇجۇم قوزغىغان خىتايلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى رەھىمسىزلىكى، قانخورلۇقى ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ئىدى.

ۋەقە ھەققىدىكى نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىگە قارايدىغان بولسىڭىز، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھۇجۇمى، خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن بىر توپ چىلبۆرىنىڭ، يىڭى تۇغۇلغان قوزىلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا ئوخشايتتى، ئىنسانلىق، مەرھەمەت، رەھىم - شەپقەت دېگەنلەردىن قىلچە ئەسەر يوق ئىدى !

بۇنداق ياۋۇزلۇق، پەقەتلا قارشى تەرەپكە بولغان نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، شۇنداقلا كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق خىسلىتىنى تامامەن يوقاتقان بىر پەيتتىلا مەيدانغا كېلىدۇ، بۇنى باشقىچە ئىزاھلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !

بۇندىن بۇرۇنمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تور بەتلىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا چەتئەلدىكى " يوتۇ پ " قاتارلىق خەلقئارالىق تور بەتلىرىدىمۇ، سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرى تەرىپىدىن، " يانچۇقچى "، " ئوغرى " دېگەندەك ناملار بىلەن تۇتىۋىلىنىپ كوچىلاردا رەھىمسىزلەرچە دۇمبالىنىۋاتقانلىقىغا دائىر فوتو ۋە ۋىدىئو كۆرۈنۈشلىرىنى ناھايىتى كۆپ ئۇچراتقان ئىدۇق، ھەتتا بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىچىدە 5 - 6 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ خىتايلار تەرىپىدىن پۇت - قوللىرى باغلىنىپ، مۇش، تىپىك ۋە شاپىلاقلار ئىچىدە ئېچىنىشلىق چىرقىراپ جان تالىشىۋاتقانلىقىغا دائىر دەھشەتلىك مەنزىرىلەرمۇ بار ئىدى.

ئۇنداقتا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ دەرىجىدىكى نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكىنىڭ سەۋەبى نېمە ؟

بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى، بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە تەشۋىقاتىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى.

ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا، ئۇيغۇرلارغا دائىر بىرمۇ ئىجابىي خەۋەرنى ئۇچرىتالمايسىز، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئوغرى، يانچۇقچى، بۇلاڭچى، قاتىل، تېررورچى، رادىكال ئىسلامچى ۋە بۆلگۈنچى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى، " دۆلىتىمىزدە ئەڭ زور خەۋپ شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىدىن كېلىدۇ " دەپ داۋراڭ سېلىش ئارقىلىق، " ئۇيغۇرلار بولسا ئېھتىيات قىلىدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان دۈشمەن مىللەت " دېگەن فاشىستىك قارىشىنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرگەن ئىدى.

دېمەك، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇرمۇ " دۈشمەن " ھېسابلىناتتى.

قىسقىسى، " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى " دېگەن نامدا ئىچكى ئۆلكىلەرگە سۈرگۈن قىلىنىۋاتقان 100 مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنى كۈتىۋاتقىنى بولسا، خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەشۋىق قىلغىنىدەك قانداقتۇر " تەرەققى تاپقان، زامانىۋىيلاشقان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باغرىغا باسقان ئىللىق بىر مۇھىت " ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا بولغان دۈشمەنلىك ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان مانا مۇشۇنداق فاشىستىك بىر مۇھىت ئىدى!