رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك قاناللار ئارقىلىق ئىگىلىگەن ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بەزى شاھىدلار تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، 5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، تەخمىنەن 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچىمۇ، 5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى بىر كۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى، 13 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە كۈپ - كۈندۈزدە 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن كوچىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىمۇ خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلدى.
ھەتتا چەتئەللەردىكى دېموكراتىك خىتاي مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۆزلىرى ئىگىلىگەن بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتىكى ساننىڭ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.
بەزى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ۋە سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئىنتايىن زور بولۇپ، سەۋەبى شۇكى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنوۇبتىكى نامرات رايونلاردىن تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان ئۇيغۇر " يېتىمچى " لار بولۇپ، بۇ بىچارىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگىدەك تىگى دېھقان، ئەگەر ئۇلار يوقاپ كەتسە ئىستەك - سورىقىنى قىلىدىغان ھېچنىمىسى يوق، يۇرتىدا قالغان ئاتا - ئانا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئۇلارنىڭ ئىز - دەرىكىنى قىلىدىغان ئىمكانىيىتىمۇ يوق !
مەسىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى لى زى، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا قىلغان سۆزىدىمۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىدىن " ئېقىپ كەلگەنلەر " ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن جەنوبى رايونلاردىن 100 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە تەپتىشنىڭ يۆتكەپ كىلىنگەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان ئىدى. دېمەك، لى زىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىمۇ، ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
بەزى غەيرى رەسمىي ستاتىستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جەنوبى رايونلاردىن ھاياتلىق يولى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كىلىپ تۇرۇپ قالغان "يېتىمچى" لارنىڭ ئومۇمى سانى 100 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك جەنوبتىكى ئەڭ نامرات يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىبارەت.
ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا تىرىغىلى يېرى، قىلغىلى ئىشى بولمىغىنى ئۈچۈن، يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ زور ئۈمىدلەر بىلەن تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن، بۇلار ئۈرۈمچىدە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىدىكىلەر بولۇپ، مۇقىم ئىش ئورنى يوق، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائى پاراۋانلىقىدىن، سالامەتلىك سۇغورتىسىدىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، مەكتەپ يېشىدىكى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتى يوق، چۈنكى " قارا نوپۇس" بولغىنى ئۈچۈن ھېچبىر مەكتەپ قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلار ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان رايونلارمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئۆپ - چۆرىسىدىكى تاغ ۋە تۆپىلىكلەرگە لاي - كىسەكتە سېلىنغان شارائىتى ئەڭ ناچار، توك ۋە ھەتتا سۈيىمۇ بولمىغان پىلانسىز ئولتۇراق رايونلىرى بولۇپ، بۇلار ئۈرۈمچىدە ھامماللىق قىلىش، قۇشخانىلاردا قوي - كالا سويۇش، رىستۇران ۋە ئاشخانىلاردا قاچا يۇيۇش، كوچىلاردا يايمىچىلىق قىلىش، چوڭ - كىچىك قۇرۇلۇشلاردا مەدىكارلىق قىلىش قاتارلىق ئىش ھەققى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئېغىر جىسمانى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئاياللىرى ۋە قىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى باشقىلارغا ئۆي خىزمەتچىسى ياكى بالا باققۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچىدە بىرەر سىياسى ھەرىكەت بولۇپ قالسا، ئالدى بىلەن ساقچىلارنىڭ سوراق - سوئالىغا ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرايدىغان، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر ھاقارىتىگە ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلارمۇ يەنە مۇشۇ "يېتىمچى" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولۇپ، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە باجگىرلارمۇ كوچا - كويلاردا ھارۋا سۆرەپ باققاللىق ۋە يايمىچىلىق قىلىۋاتقان بۇ بىچارە " يېتىمچى" لارنى قاقتى - سوقتى قىلىپ يېنىنى توملاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان.
ئۈرۈمچىنىڭ نورمال مۇھىيىتىدىن ۋە جەمئىيەت قاتلىمىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىلگەن بۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ھېچقانداق ئورگان يوق !
بۇلار، ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش " تەرەققىياتلار " نىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھېچبىر ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىزلىكى ۋە ئىنساپسىزلارچە تالان - تاراج قىلىش، سۆمۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆز ۋەتىنىدە چارىسىز يېتىمچىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەن، ئىچى زەرداپ ۋە نەپرەتكە تولغان ئىدى. دېمەك، ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئېغىر ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا، ئىزىشىگە، چەتكە قېقىشىغا، خورلىشىغا ئۇچرىغان بۇ يېتىمچى ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىشچىلار سىپىدىن يەر ئېلىشىنىڭ ھەيران قالغىدەك ھېچبىر تەرىپى يوق ئىدى. ئەپسۇسكى، ئاقىۋەتتە ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغۇچىلار يەنە مۇشۇ يېتىمچى ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولدى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇردى.
ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن خىتاي ساقچى ئورگانلىرى ئۈرۈمچىنى ئالتەشەھەر رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇر يېتىمچىلاردىن تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر يېتىمچى مەجبۇرىي ھالدا يۇرت - ماكانلىرىغا ھەيدىلىشكە باشلانغان، قايتىشنى رەت قىلغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ بىچارىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇرتىدىكى ئۆي - ماكانلىرىنى، چارۋا - ماللىرىنى سېتىپ، شۇنى دەسمايە ۋە يول كىراسى قىلىپ ئۈرۈمچىگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىمۇ ياشاش ئىمكانىيىتى يوق، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدا كۈتىۋاتقىنى، " ئۈرۈمچىدە نېمە قىلدىڭ ؟ " دەپ سوئال - سوراققا تارتىش ئۈچۈن چىشىنى بىلەپ تۇرغان ساقچىلاردىن ئىبارەت !
ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچىمۇ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بىرىپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر يېتىمچىلار خۇددى يەرنىڭ تىگىگە كىرىپ كەتكەندەك غايىپ بولغان، يامانلىق تاغ، ئات بەيگىسى مەيدانى قاتارلىق ئۇيغۇر يېتىمچىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاۋات مەھەللىلەر پۈتۈنلەي چۆلدەرەشكە باشلىغان.
ئەگەر ئۈرۈمچىدىكى ئىدارە - جەمئىيەتلەردە ئىشلەۋاتقان بىرەر ئۇيغۇر ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى پۈتۈنلەي يوشۇرۇپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ئىدارىسى ئىگە چىقمىسا، خىزمەتداشلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىز - دەرىكىنى قىلىدۇ. ئەمما، مىڭ كىلومېتىرلارچە يىراقلىقتىكى قەشقەر ۋە خوتەننىڭ چەت - ياقا يېزا - قىشلاقلىرىدىن كەلگەن يېتىمچى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى كىم قىلسۇن ؟!